باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جەنۇبىي ئافرىقا، رۇسىيە ۋە چاۋشيەن قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتنىڭ مەخپىي ئاخباراتلىرى ئاشكارىلاندى

2015.02.26 17:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش ئىشتابى قاتاردىكى ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى جەنۇبىي ئافرىقا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ نەچچە يۇز مەخپىي ئارخىپىنى تۇيۇقسىز ئاشكارىلىدى. بۇ ئارخىپلار جەنۇبىي ئافرىقا بىلەن بەزى دۆلەتلەرنىڭ پەردە ئارقىسى سودىسى، شۇنداقلا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇھىم خەلقئارا ۋەقەلەردىكى ئاسترىتتىن قىلغان كۆپ قېتىملىق جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىگە چېتىلىدۇ.

  23-فېۋرال كەچتىن باشلاپ، ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، ئەنگلىيە «مۇھاپىزەت گېزىتى» بۇ قېتىم ئاشكارىلانغان مەزمۇنلارنى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلدى. بۇ قېتىم 2006-يىلىدىن بۇلتۇر 12-ئايغىچە بولغان ئاخباراتلار ئاشكارىلاندى. بۇ ئاخباراتلار ئىچىدە جەنۇبىي ئافرىقا دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئالاھىدە خادىملىرى يازغان تەپسىلىي قىسقا خەۋەرلەر ۋە ئىچكى تەھلىل ماتېرىيالى «مەشغۇلات نىشانى تەھلىلى» بولغاندىن سىرت، يەنە جەنۇبىي ئافرىقا ئاخبارات ئورگىنى بىلەن ئامېرىكا ئاخبارات ئورگىنى، ئەنگلىيە ھەربىي ئاخبارات 6-باشقارمىسى، رۇسىيە فېدېراتسىيە خەۋپسىزلىك ئىدارىسى، ئىسرائىلىيە «موسساد» (تولۇق نامى: ئىسرائىلىيە ئاخابرات ۋە ئالاھىدە ۋەزىپە ئىدارىسى)، شۇنداقلا ئاسىيادىكى بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئاخبارات ئورگىنى ئارىسىدىكى مەخپىي ئالاقە خەتلىرى بار.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر