باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئۇكرائىنادىكى ئەلئارا قوراللىقلار: زور كۆلەمدە ئېغىر تىپتىكى قوراللارنى چېكىندۈرۈۋاتىمىز

2015.02.26 14:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ئۆز ئالدىغا قۇرۇلغان «دونىسسىك خەلق جۇمھۇرىيىتى» تۈنۈگۈن: يەرلىك ئەلئارا قوراللىقلار تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇندىن ئېتىبارەن توقۇنۇش بولۇۋاتقان رايونلاردىن زور كۆلەمدە ئېغىر قوراللارنى چېكىندۈرۈشكە باشلىدى دەپ جاكارلىدى.

  يەنە بىر ئۆز ئالدىغا قۇرۇلغان «لۇگانسىك خەلق جۇمھۇرىيىتى»نىڭ باياناتچىسى مۇنداق دېدى: جۇمھۇرىيىتىمىز ئېغىر قوراللارنى چېكىندۈرۈش خىزمىتىنى 17-فېۋرالدىن ئېتىبارەن باشلىغان بولۇپ ھازىر 28 ئېغىر قورال چېكىندۈرۈلدى. بۇ خىزمەتنى تېزلىتىش ياكى تېزلەتمەسلىك ئۇكرائىنا دائىرىلىرىنىڭ قانداق ھەرىكەت قوللىنىشىغا باغلىق.

  ئۇكرائىنا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ باياناتچىسى لىسىنكو تۈنۈگۈن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ئەلئارا قوراللىقلار توقۇنۇش بولۇۋاتقان رايوندىن ئېغىر قوراللىرىنى چېكىندۈرمىدى، بەلكى بۇ قوراللارنى قايتىدىن ئورۇنلاشتۇردى، ئالدى بىلەن مارىئۇپول شەھىرى ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر