باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فىرانسىيە غازاتقا قاتناشقان فىرانسىيەلىك ئالتە كىشىنىڭ پاسپورتىنى يىغىۋالدى

2015.02.26 14:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فىرانسىيە دائىرىلىرى 23- فېۋرال سۇرىيەگە بېرىپ غازاتقا قاتناشماقچى بولغان فىرانسىيەلىك 6 كىشىنىڭ پاسپورتى بىلەن كىملىكىنى يىغىۋالدى. ئۇلارنىڭ چەتئەللەرگە چېقىپ ساياھەت قىلىشىنى ئاز دېگەندە ئالتە ئاي چەكلىدى. بۇ ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا فىرانسىيە پارلامېنتى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىغاندىن بۇيان، فىرانسىيەنىڭ تۇنجى قېتىم بۇنىڭغا ئالاقىدار گۇماندارلارنىڭ پاسپورتىنى يىغىۋېلىش ۋە چەتئەللەرگە ساياھەتكە چىقىشنى مەنئى قىلىش تەدبىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  فىرانسىيەنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مۇنداق دېدى: فىرانسىيەلىك بۇ ئالتە ياش، سۇرىيەگە بېرىشقا ناھايىتى ئالدىرىغان. ئۇلارنىڭ ئىسىملىكى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئۇچۇر سىستېمىسىغا يوللاپ بېرىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىراق بىلەن سۇرىيەدە غازاتقا قاتنىشىۋاتقان فىرانسىيەلىكلەر فىرانسىيەگە قايتىپ كەلسە چوڭ كۆلەملىك تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى يولغا قويۇشى مۇمكىن، بۇ فىرانسىيەنىڭ بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسىغا تېخىمۇ زور تەھدىتلەرنى ئىلىپ كېلىدۇ. ئۇ، يېقىندا يەنە 40 دىن كۆپرەك فىرانسىيەلىك گۇماندارىنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە ساياھەتكە چىقىشى مەنئى قىلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  خەۋەرلەرگە قارىغاندا، نۆۋەتتە، 1 مىڭ 400 دىن كۆپرەك فىرانسىيەلىك سۇرىيە بىلەن ئىراقتا غازات تەشكىلاتىغا قاتناشقان ياكى ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىنى ساقلىغان. ئۆتكەن يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى فىرانسىيە پارلامېنتى ماقۇللىغان تېررورلۇققا قارشى قانۇن لايىھەسىدە، ئەگەر فىرانسىيە ھۆكۈمىتى ئۆز دۆلىتىدىكى پۇقرالارنىڭ چەتئەللەرگە ساياھەتكە چېقىشتىكى مەقسىتىنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىش ياكى تېررورچى تەشكىلاتقا قاتناشماقچى بولغانلىقى توغرىسىدىكى سەۋەبلەر ئېنىق بولىدىغان بولسا، ئۇلارنىڭ چەتئەللەرگە ساياھەتكە چىقىشىنى مەنئى قىلىشى بەلگىلەنگەن ئىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر