خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ26 -فېۋرال ، بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2014-يىلى 1-ئايدىن 10-يايغىچە،ھىندىستان ئاۋىئاتسىيە جەمىئي 994 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلان ئايروخانقىزلىرىنىڭ كېچىكىشىدىن ۋاقتىدا ئۇچالمىغان. ھىندىستان ئاۋىئاتسىيە ترانسپورتى شىركىتىنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دېدى: ھازىر ئايروخانقىزلارنىڭ سانى ئاز،كۆپۈنچە ۋاقىتتا ئايروخانقىزلار ئەمدىلا يەرگە قونۇپ، يەنە بىر ئۇچۇش ئالدىدىكى نۆۋەتلىك ئايروپىلانغا بارىدۇ. ئايروپىلان ئالمىشىش ۋاقتى چەكلىك بولغاچقا، ئاسانلا كېچىكىپ قالىدۇ دېدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ھىندىستان ئاۋىئاتسىيە ترانسپورتى 40نەپەر 58 ياشدىن 60 ياشلىق پېنسىيىگە چىققان ئايروخانقىزلىرى بىلەن قىسقا مۇددەتلىك توختاملاشتى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى