- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
لىۋىيەدىكى توقۇنۇشۇۋاتقان ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ تىنچلىق يارىشىش سۆھبىتى مۆھلەتسىز كېچىكتۈرۈلدى
2015.02.26 14:25
دىنى كۈچلەرنىڭ قوللىشى بىلەن لىۋىيە مىللىي پارلامېنتى تۈنۈگۈن: لىۋىيەدىكى توقۇنۇشۇۋاتقان ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ تىنچلىق يارىشىش سۆھبىتى مۆھلەتسىز كېچىكتۈرۈلدى دەپ جاكارلىدى.
لىۋىيە مىللىي پارلامېنتىنىڭ سۆھبەت ۋەكىلى مۇھەممەد ئېماچىبو مۇنداق دېدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋىيەگە ياردەم بېرىش ئالاھىدە ئۆمىكى ئەسلىدە 26-فېۋرال ماراكەشتە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان لىۋىيەدىكى توقۇنۇشۇۋاتقان ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ تىنچلىق سۆھبىتى مۆھلەتسىز كېچىكتۈردى، سەۋەبى تىنچلىق سۆھبىتىدىكى مۇھىم بىر تەرەپ بولغان لىۋىيە مىللىي قۇرۇلتىيىنىڭ سۆھبەتتىن چېكىنىپ چىققانلىقىدا ئىكەنلىكىنى رەسمىي ئۇقتۇردى.
لىۋىيە مىللىي قۇرۇلتىيى ئۈلۈشكۈن لىۋىيە مىللىي پارلامېنتى ئەسەبىيلىكنى داۋاملىق تارقاتتى ۋە قوللىدى، تېررورلۇق ئىدىيەلىرىنى تارقاتتى، سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنىڭ شارائىتى تېخى پىشىپ يېتىلمىدى دەپ سۆھبەتتىن چېكىنىپ چىقىشنى ئاۋازغا قويۇپ قارار قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر