باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 13- قېتىملىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2015.02.26 17:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاڭ دېجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى تىزىسى قاراپ چىقىلدى، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنىغا تەييارلىق كۆرۈلدى

  تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى دەسلەپكى لايىھەسى، پەن- تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنىڭ تۈزىتىلگەن دەسلەپكى لايىھەسى قاتارلىقلار قاراپ چىقىلدى

  خەلق گېزىتى بېيجىڭ، 25- فېۋرال خەۋىرى. 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 13- قېتىملىق يىغىنى 25- فېۋرال بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. يىغىنغا جاڭ دېجياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى.

  دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن 167 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، يىغىنغا قاتناشقانلار قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن كەلدى. بۇ قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى- 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 13- قېتىملىق يىغىنىغا تەييارلىق كۆرۈش. بۇنىڭ ئۈچۈن يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى تىزىسى، 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 13-

  قېتىملىق يىغىن قارالمىلىرى دەسلەپكى لايىھەسى، ھەيئەت رىياسىتى ۋە باش كاتىپلار ئىسىملىكى دەسلەپكى لايىھەسى، يىغىن ئىشتىراكچىلىرى ئىسىملىكى دەسلەپكى لايىھەسى قاراپ چىقىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر