باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق بىرلىكسەپ بۆلۈمى باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىلدى

2015.02.27 10:39         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق بىرلىكسەپ بۆلۈمى باشلىقلىرى يىغىنى تۈنۈگۈن ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2015- يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىرلىكسەپ خىزمىتىدە، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشاننى چۆرىدىگەن ھالدا، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش، دىن ساھەسىدىكى مۇقىملىقنى ساقلاش گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ. ئاپتونوم رايوننى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئۈچۈن تىرىشىپ مۇلازىمەت قىلىنىپ، ئاپتونوم رايوننى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەر بىرلىكسەپ خىزمىتىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە باشتىن- ئاخىر سىڭدۈرۈلىدۇ.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىرلىكسەپ خىزمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى مۇھىم نۇقتىسىنى چىڭ تۇتۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىننىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇشنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىرلىكسەپ خىزمىتىنىڭ ئاساسى لىنىيەسى قىلىش؛ دىن ساھەسىدىكى مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىشنى بىرلىكسەپ تارماقلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى مۇھىم نىشانى ۋە ۋەزىپىسى قىلىش؛ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، دىنىي زاتلارنىڭ قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىش، ئاپتونوم رايوننى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» پائالىيىتىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش قاتارلىق 7 جەھەتتىكى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش؛ مەركىزىي خىزمەت ۋە ئومۇمىيلىق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر