باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئورگانلار بىلەن ئۇلارغا قاراشلىق كارخانىلارنى ئايرىپ، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش دائىرىسىگە بىر تۇتاش كىرگۈزۈش لايىھىسى» ماقۇللاندى

2015.02.27 10:40         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇشۇ ئاينىڭ 25- كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا، «ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئورگانلار بىلەن ئۇلارغا قاراشلىق كارخانىلارنى ئايرىپ، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش دائىرىسىگە بىر تۇتاش كىرگۈزۈش لايىھىسى» ماقۇللاندى. لايىھەدە، «ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئورگانلار بىلەن ئۇلارغا قاراشلىق كارخانىلار 3 يىل ئىچىدە ئايرىۋېتىلىدۇ. كارخانىلار دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش دائىرىسىگە بىر تۇتاش كىرگۈزۈلىدۇ» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ تۈردىكى ئىسلاھات نىمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

  ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋ فىڭ تۇنۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئاپتونوم رايون دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنى ئايرىش؛ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك قۇرۇلمىسىنى ئىستىراتېگىيەلىك تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زامانىۋى كارخانا تۈزۈمى ئورنىتىش مەقسىدىدە، بۇ تۈردىكى ئىسلاھاتنى يولغا قويدى. مەمۇرىي تۈردىكى كەسپىي ئورۇنلار ۋە ئۇلار باشقۇرىۋاتقان كارخانىلار، سىرتقا مەبلەغ سېلىش قاتارلىق تىجارەت خاراكتىرىنى ئالغان دۆلەت مۈلكى ئايرىۋېتىش، بىرلەشتۈرۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئەسلىدىكى ئورۇن بىلەن تەدرىجىي ئايرىۋېتىلىدۇ. ئايرىۋېتىلگەندىن كېيىنكى كارخانىلاردىكى دۆلەت مۈلكىگە قارىتا، شۇ دەرىجىدىكى دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش تارماقلىرى مەبلەغ سالغۇچىلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ ھەمدە نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ. دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت ئىلكىدىكى مەدەنىيەت كارخانىلىرىنىڭ مال- مۈلكى داۋاملىق ھالدا، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى ۋە مەسئۇل تارماقلارنىڭ ئورتاق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىدا بولىدۇ.»

  2013- يىلى 12- ئايغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا دۆلەت كارخانىسىدىن جەمئىي 1 مىڭ 744ى بار بولۇپ، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمىگەن كارخانىدىن 1 مىڭ 256 سى بار. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمىگەن كارخانىلار ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك 53 ئورگان، 14 بىۋاستە قاراشلىق كەسپىي ئورۇنغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، جەمئىي 474 ى بار.

  «ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئورگانلار بىلەن ئۇلارغا قاراشلىق كارخانىلارنى ئايرىپ، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش دائىرىسىگە بىر تۇتاش كىرگۈزۈش لايىھىسى»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئورگانلار، بىۋاستە قاراشلىق كەسپىي ئورۇنلارغا قاراشلىق كارخانىلار شۇنىڭدەك تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتمەكچى بولغان تىجارەت تۈرىدىكى كەسپىي ئورۇنلار 2014- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنىنى ئۆلچەم قىلغان ھالدا، ئاساسلىق مەسئۇل ئورۇنلاردىن ئايرىۋېتىلىپ، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش دائىرىسىگە بىر تۇتاش كىرگۈزۈلىدۇ. دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش دائىرىسىگە بىر تۇتاش كىرگۈزۈش-- بىۋاستە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ۋاكالىتەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىپ كارخانىلاشتۇرۇش قاتارلىق 3 خىل شەكىل بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.» ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋ فىڭ ۋاكالىتەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىپ مۇنداق دېدى: «ۋاكالىتەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش شەكلىنى قوللىنىشتا، كارخانا مۈلكى دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، ئادەم ۋە ئىشلارنى يەنىلا ئاساسلىق مەسئۇل ئورۇنلار باشقۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، كارخانا ئالاقىدار تارماقلارنىڭ سىياسەت ۋە مەبلەغ جەھەتتىكى قوللىشىدىن داۋاملىق بەھرىمەن بولۇپ، كارخانا تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىن، ئېتىبارلىق سىياسەت ۋە مەبلەغ قوللىشىغا ئېرىشەلمەسلىك سەۋەپلىك، تىجارەتتە قىيىنچىلىققا ئۇچرىشى ياكى ۋەيران بولۇشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، بىر قىسىم ئالاھىدە كەسپلەردىكى كارخانىلار ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەتتە نۇقۇل پايدا ئېلىشنىلا مەقسەد قىلمايدىغان بولۇپ، بىخەتەرلىك، مۇقىملىق ۋە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ. بۇ خىلدىكى كارخانىلارنى ۋاكالىتەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.»

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر