- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى: جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو-بېرما چېگرىسىنى تاقىمىدى
2015.02.26 17:17 مەنبە: خەلق تورى
شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 25-فېۋرال تېلېگراممىسى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇڭ لېي 25-فېۋرال چۈشتىن كېيىن مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو-بېرما چېگرا رايونىنىڭ ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ چېگرىنى باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتتى، لېكىن چېگرىنى تاقىمىدى.
خۇڭ لېي مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپ ئەزەلدىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقنى پرىنسىپ قىلىپ، بېرمىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ھۆرمەتلەپ كەلدى، ھەر قانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ جۇڭگو زېمىنىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگو-بېرما مۇناسىۋىتىنى ۋە چېگرا رايونلارنىڭ مۇقىملىقىنى بۇزىدىغان ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويمايدۇ. بۇ قېتىم بېرمىنىڭ شىمالىدا قىسمەن توقۇنۇش يۈز بەرگەندىن بۇيان، جۇڭگو تەرەپ يۇقىرىقى پرىنسىپقا باشتىن-ئاخىر ئەمەل قىلىپ، بېرما بىلەن بولغان زىچ ئالاقىنى ساقلاپ كەلدى، بېرما تەرەپ بۇنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر