باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چىڭگىل ناھىيەسىنىڭ ئارال يېزىسىدىكى قارچىغا كۆندۈرگۈچى سېرىك مىللىي ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەتنى ساقلاپلا قالماي، ساھەتچىلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى

2015.02.27 10:45         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قارچىغا مەدەنىيىتى- قازاق مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەتلىرىنىڭ بىرى. ئىلگىرى، ئات مىنىش، قارچىغا كۆندۈرۈش-- قازاق ئوغۇللىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىپ ئەر بولۇشىدىكى مۇھىم بەلگە ھىسابلىناتتى. بۈگۈنكى كۈندە، چىڭگىل ناھىيەسىنىڭ ئارال يېزىسىدىكى قارچىغا كۆندۈرگۈچى سېرىك مىللىي ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەتنى ساقلاپلا قالماي، يەنە شۇ جاينىڭ ساھەتچىلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

  سېرىك 30 ياشقا كىرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن 10 يىل ئەتراپىدا قارچىغا كۆندۈرۈش تەجرىبىسىگە ئىگە بولغاچقا، شۇ جايدىكى يېگىتلەر ئارىسىدا يۇقىرى ئابروي تىكلىدى. ئۇ كۆندۈرگەن قارچىغىلار ساغلام، كۈچلۈك، چەبدەس بولۇپ، دائىم دالىدا ياۋا توشقان تۇتاتتى. يېقىندا، چىڭگىل ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن قارچىغا مەدەنىيەت- سەنئەت بايرىمىدا، سېرىك بەس- مۇنازىرىسىز چېمپيون بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم يېزىمىزدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مۇسابىقىدا بۇنداق نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىمدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن، يۇرتۇمدىكىلەرگە شان- شەرەپ كەلتۈردۈم. بۇ يەردە دادامغا رەھمەت ئېيتىمەن.

  سېرىك قارچىغا بېقىش ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتىسى قارچىغا كۆندۈرگۈچى بولغاچقا، كىچىكىدىن باشلاپلا، دادىسىنىڭ ھەرىكىتىنى كۆرۈپ چوڭ بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، دادىسىنىڭ قولمۇ- قول ئۆگىتىشى، يېتەكچىلىك قىلىشى بىلەن، ئۇ تېزلا كۆزگە كۆرۈنۈپ قالدى. قارچىغىنى بىلىكىگە قوندۇرۇپ كېتىۋاتقان سېرىك مۇنداق دېدى: بۇ قارچىغىنى كىچىك ۋاقتىدا دادام بىر قارچىغا چاڭگىسىدىن ماڭا ئەكىلىپ بەرگەن. دادام 1991- يىلىدىن باشلاپ، قارچىغا كۆندۈرۈشكە باشلىغان، ئۇ ۋاقىتتا مەن ئاران 2 ياش ئىدىم، ھەر كۈنى دادامنىڭ قارچىغا بېقىش، كۆندۈرۈش ھەرىكەتلىرىنى كۆرەتتىم. 2011- يىلى دادامنىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن، قارچىغا بېقىش، كۆندۈرۈش ئىشى ماڭا يۈكلەندى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قازاق چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشى تەدرىجىي ياخشىلىنىپ، كەڭرى، ئازادە ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى. بەزىلەردە شەھەرگە كىرىپ ئىشلەۋاتىدۇ، بەزىلەر تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئەنئەنىۋىي مەنىدىكى قارچىغا كۆندۈرگۈچىلەر تەدرىجىي ئازىيىپ كەتتى. ئەكسىچە، سىرتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەر قارچىغا بېقىش، كۆندۈرۈشكە بەكمۇ قىزىقىدىغان بولغاچقا، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت قازاقلارنىڭ ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتى بىلەن ساياھەتچىلىكنى بىرلەشتۈرۈپ ئۇيۇشتۇرغان تۇنجى نۆۋەتلىك قارچىغا مەدەنىيەت- ساياھەت بايرىمى جايلاردىن كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. چىڭگىل ناھىيەلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ باۋچىڭ مۇنداق دېدى: قانداق قىلغاندا بىزنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىمىز ۋە ساياھەتچىلىكىمىزدىن پايدىلىنىپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ ساياھەتچىلىكنى قازاقلارنىڭ ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرگىلى بولىدۇ؟ بۇ- بىز بۇنىڭدىن كېيىن ئويلىشىدىغان بىر مۇھىم نۇقتا ھىساپلىنىدۇ.

  شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتنىڭ پىكىر- تەدبىرى بىلەن سېرىكنىڭ قارچىغا مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، تارقىتىش ئويى بىر يەردىن چىقىپ قالدى. ھازىر، سېرىك چىڭگىل ناھىيەسىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋارىسى بولۇش سۈپىتىدە، ھەر يىلى بەلگىلىك سوممىدا پۇل ئالىدىغان بولدى. شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت يەنە قارچىغا مەدەنىيىتىنى بۇ يىللىق ھۆكۈمەت دوكلاتىغا كىرگۈزۈپ، زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئۇنىڭ دادىسى ھايات ۋاقتىدا ئويلاپمۇ باقمىغان ئىش ئىدى. سېرىك مۇنداق دېدى: گەرچە ھازىر قازاق چارۋىچىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ماكانلاشتۇرۇلۇپ، قارچىغا ئوۋ ئوۋلاش رولىنى يۇقىتىپ قويغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش، تارقىتىش ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جەمەتىمىزنىڭ قارچىغا بېقىش، كۆندۈرۈش ئىشى دادامدىن باشلانغان، كىچىكىمدىن دادامنىڭ تەسىرىدە چوڭ بولدۇم. دادام ئالەمدىن ئۆتسە، مەن بۇ مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىپ تارقىتىپ، قارچىغا مەدەنىيىتىنى جۇلالاندۇرىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر