باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

گۇچۇڭ ناھىيەسىى ھەر مىللەت كادىر- ئامما تۈرلۈك ئىجتىمائىي پاراۋانلىق مۇلازىمەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى

2015.02.27 10:48         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق كۈنى بولۇپ، ھەر مىللەت كادىر- ئامما تۈرلۈك ئىجتىمائىي پاراۋانلىق مۇلازىمەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى.

  تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، گۇچۇڭ ناھىيەلىك ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئورنى بىر توپ «ئالاھىدە مىھمان»نى كۈتىۋالدى. نەچچە 10 ئاتا- ئانا بالىلىرىنى باشلاپ، بۇ يەردىكى ياشانغانلارنى يوقلاپ كەلدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ياشانغانلارنىڭ ئۆيلىرىنى تازىلاپ بەرسە، بەزىلىرى ئۇلارغا ئويۇن قويۇپ بەردى. يەنە بەزىلىرى، ياشانغانلار بىلەن مۇڭدىشىپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئاچتى.

  گۇچۇڭ ناھىيەلىك كۆڭۈل ئېچىش مەيدانىدا، بۇ يىل 15 ياشقا كىرگەن گاۋ رۈييې ناھىيەلىك قىزىل كىرىست جەمئىيىتىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جىددىي قۇتقۇزۇش ساۋاتلىرىنى ئۆگەندى. قىسقىغىنا 5 مىنوت ئىچىدە، ئۇ جىددىي قۇتقۇزۇشتىكى بىر قىسىم ھەرىكەتلەرنى جايىدا ئىشلىيەلەيدىغان بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇلتۇر، بوۋام ۋاپات بولغاندا، مەن ئۇنىڭ يېنىدا ئىدىم. دادام- ئاپاملار يېنىمىزدا يوق ئىدى. بوۋامنىڭ كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىپ قالدى. مەن بەكلا قورقۇپ كەتتىم. بۈگۈن بۇ يەرگە كېلىپ، جىددىي قۇتقۇزۇش ساۋاتلىرىنى ئۆگەندىم. مومامنىڭ يېنىمىزدا بىخەتەر تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

  بۇلتۇر 3- ئايدىن باشلاپ، گۇچۇڭ ناھىيەسى ھەر ئاينىڭ 26- كۈنىنى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق كۈنى قىلىپ بېكىتىپ، تۈرلۈك شەكىللەردىكى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى. ھازىر، بۇ پائالىيەتنىڭ قانات يايدۇرۇلۇۋاتقىنىغا بىر يىل بولدى. گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت ئامما دەسلەپكى مەزگىللەردىكى گۇمانىي قاراشتا بولۇشتىن ئۆزگىرىپ، ئاكتىپ ھالدا پائالىيەتكە قاتنىشىدىغان بولدى. گۇڭ يۈلۇڭ ئىسىملىك بىر ئاھالە مۇنداق دېدى: دەسلەپكى مەزگىللەردە «بۇ شەكىلۋازلىقمۇ قانداق؟» دېگەن پوزىتسىيەدە بولغانىدىم. بىر يىلدىن بۇيانقى پائالىيەتلەر ئارقىلىق، خىزمەتلەرنىڭ ھەقىقىي تۈردە ياخشى ئىشلەنگەنلىكى، ئامما ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى مەقسەد قىلغانلىقىنى ھىس قىلدىم. شۇ سەۋەپلىك، مەنمۇ بۇ سەپكە ئاتلاندىم.»

  يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيان، پەقەت 300 مىڭلا نۇپۇسى بار گۇچۇڭ ناھىيەسىدە، تۈرلۈك پىدائىيلار مۇلازىمەت پائالىيىتىگە قاتناشقانلارنىڭ سانى 1 مىليون 970 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى. گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى مېڭ فەنگاڭ مۇنداق دېدى: «كېيىنكى قەدەمدە، بۇ پائالىيەتنى دائىمىيلاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈم يارىتىش، تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئويلىشىۋاتىمىز. ئىشلارنى بالىلاردىن، كىچىك ئىشلاردىن، ئەتراپىمىزدىكى ئىشلاردىن باشلاپ، بۇ تۈردىكى پائالىيەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆپچىلىكنى گۇچۇڭغا بولغان مۇھەببىتىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشىمىز.»

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر