باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلىدىكى يېڭى ئارزۇلارغا نەزەر

2015.02.26 13:36         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۆتكەن 5 يىلدا، ئارقا- ئارقىدىن يولغا قويۇلغان خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت سىياسەتلەر ئاپتونوم رايونىمىزغا ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلىپلا قالماي، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشىدا ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى. بۇ يىل-- ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 6- قېتىملىق «خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى». كىشىلەر بەختلىك تۇرمۇشنى ئەسلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېڭى يىلدىكى يېڭى ئارزۇلارغا نەزەر سالدى. ئىستانسىمىزنىڭ «خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلىدىكى يېڭى ئارزۇلارغا نەزەر» دېگەن ماۋزۇدىكى مەخسۇس ماقالىسى

  ئاقسۇدا، توقۇمىچىلىق كارخانىلىرى-- ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى ئاساسىي كۈچكە ئايلاندى. بۇلتۇر بىر يىلدا، قۇرۇلغىنىغا ئۇزۇن بولمىغان توقۇمىچىلىق سانائىتى شەھەرچىسىدە، يېزىلاردىن كەلگەن 10 مىڭغا يېقىن قىز- يىگىت ئىشقا ئورۇنلاشتى. يېقىندا، تۇنجى تۈركۈمدە قوبۇل قىلىنغان 100 نەپەر توقۇمىچىلىق ئىشچىسى ئىچىدە، ئارزىگۈل كۆزگە كۆرۈنۈپ، پايپاقچىلىق كەسپى باغچىلاشقان رايونىدا گۇرۇپپا باشلىقى بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىش ھەققىمىز ئۆزلۈكسىز ئېشىپ، ھەر ئايدا 3 مىڭ يۈەن ئىش ھەققى ئالىدىغان بولدۇم».

  توقۇمىچىلىق سانائىتى شەھەرچىسى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە تېخنىكا ئىگىلىتىش ئۈچۈن، يەنە يېڭىدىن ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ئەمگەكچىلەرنى كەسپىي تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ شاگىرت يېتىشتۈرۈش شەكلىدە، يېڭى ئىشچىلارنى تەربىيەلىشىگە ئىلھام بەردى. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار يېڭى ئىشچىلارنى تەربىيەلەشتە، ئادەم بېشىغا 4 مىڭ يۈەندىن تولۇقلىما ئالالايدىغان بولدى. بۇلتۇر، 10 كارخانا جەمئىي 5 مىليون يۈەنلىك تەربىيەلەش راسخوتىغا ئېرىشتى. بۇ يىل، يەرلىك تارماقلار ئىشچى ئىشلىتىشكە داۋاملىق ئىلھام بېرىپ، كەسپلەرنى ئۇزارتىش قەدىمىنى تېزلىتىدۇ.

  ئۆتكەن 5 يىلدىكى خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت ھىسابات دەپتىرىنى ئاچىدىغان بولساق، ئاپتونوم رايون مالىيەسىدىن خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىلگەن چىقىمنىڭ 768 مىليارد 360 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئاممىۋى مالىيە ئومۇمىي چىقىمىنىڭ %70 دىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەنلىكى؛ ۋەدە بېرىلگەن خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ ۋاقتىدا نەقلەشتۈرۈلگەنلىكى؛ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنىڭ 2011- يىلدىكى 22 چوڭ تۈردىكى 80 تۈرلۈك قۇرۇلۇشتىن ئېشىپ، 2012- يىلى 25 چوڭ تۈردىكى 90 تۈرلۈك قۇرۇلۇشقا، 2013- يىلدىكى 25 چوڭ تۈردىكى 100 تۈرلۈك قۇرۇلۇشقا، 2014- يىلدىكى 25 چوڭ تۈردىكى 150 تۈرلۈك قۇرۇلۇشقا يەتكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز.

  قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاتۇش شەھىرى ئۈستۈن ئاتۇش بازارلىق دوختۇرخانىدا، تېخى يېقىندىلا ئۆتنى كېسىپ ئېلىۋېتىش ئوپىراتسىيەسى قىلدۇرغان ئاسىمگۈل ھىسابات قەغىزىنى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ پەقەت 1 مىڭ 100 يۈەنلا تۆلەيدىغانلىقىنى بىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى، ئۈرۈمچىگە بېرىپ كېسەل كۆرسىتەتتۇق. ھازىر، ئۈرۈمچىگە بېرىشتىكى يول خىراجىتىنى تۆلەپلا، ئوپىراتسىيە قىلدۇرىۋالدىم».

  چوڭ دوختۇرخانىغا يۈگۈرمەسلىك-- ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆزلۈكسىز كۈچەيتىلىۋاتقان ئاساسىي قاتلام تىببىي داۋالاش ۋە سەھىيە ئىشلىرىنىڭ نەتىجىسىدىن بولدى. قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنى مىسالغا ئالساق، ئۆتكەن بىر يىلدىكى بۇ تۈردىكى مەبلەغ سېلىنمىسى 20 مىليون يۈەندىن ئاشتى. يېڭىدىن ياتاق بىناسى سېلىش، يېزا دەرىجىلىك شىپاخانا قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىش قاتارلىق سەھىيەگە مۇناسىۋەتلىك تۈردىن 63 ئى ئېلىپ بېرىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پۈتۈن ئوبلاستتىكى 522 مىڭ 300 كىشى ئۈچۈن ئېلېكتىرونلۇق سالامەتلىك ئارخىپى ئورنىتىلدى.

  كېسەلگە گىرىپتار بولغان دېھقان- چارۋىچىلار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش-- ئائىلىلەرنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى زور دەرىجىدە يېنىكلەتتى. بۇلتۇر 6- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سىياسەت دائىرىسى ئىچىدىكى دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش ھەققىنى ئاتچوت قىلىپ بېرىش نىسبىتى %75.25 كە يەتتى. يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا قاتناشقان دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ سانىمۇ 2010- يىلدىكى 10 مىليون 190 مىڭ ئادەمدىن ئېشىپ، 2014- يىلى 11 مىليون 180 مىڭ ئادەمگە يەتتى. قاتنىشىش نىسبىتى %99 بولدى.

  خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت تۈرلەر ئىچىدە، ئىزچىل قانات يايدۇرۇلغان خەلقنى ئەمىن تاپقۇزۇپ بېيىتىش قۇرۇلۇشى، چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇپ، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشى، كاپالەتلىك ئۆي قۇرۇلۇشى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق قۇرۇلۇشلاردىن باشقا، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن تۈرلەر-- خەلق تۇرمۇشىدىكى ئاساسىي شارائىتنى ياخشىلاش، ئاھالىلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئاممىنىڭ تۇرمۇش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشنى تىرىشىش نۇقتىسى قىلىپ، ناھىيە، يېزا، كەنتلەرگىچە ئۇزارتىلىپ، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىۋى ئىقتىسادشۇناسلىق بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جۇۋ بىڭ مۇنداق دېدى: «مۇھىم نۇقتىنى نامرات رايونلارغا جۈملىدىن جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا قارىتىش كېرەك. بۇ يەنە مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەرەققىياتقا ئائىت مۇھىم نۇقتا بولۇپ، مۇشۇنداق قىلغاندىلا، مەبلەغنىڭ جايىدا ئىشلىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر