باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھىندونېزىيە كىم جۇڭئوننى ئاسىيا، ئافرىقا باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشقا رەسمىي تەكلىپ قىلدى

2015.02.25 14:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كورېيە ھۆكۈمىتىنىڭ نۇرغۇن خەۋەردار ئەربابلىرىنىڭ 22-فېۋرال ئاشكارىلىشىچە، ھىندونېزىيە چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئوننى 4-ئايدا ئېچىلىدىغان ئاسىيا، ئافرىقا باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشقا رەسمىي تەكلىپ قىلغان.

  ئىگىلىنىشىچە، چاۋشيەن ئالىي خەلق كېڭىشى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى كىم يوڭناممۇ تەكلىپ قىلىنغان. ھىندونېزىيە يەنە كورېيە زۇڭتۇڭى پاك گۈنھىنىمۇ بۇ قېتىمقى ئاسىيا، ئافرىقا باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشقا رەسمىي تەكلىپ قىلغان. نۆۋەتتە، چاۋشيەن بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرمىغان.

  خەۋەردە مۇنداق دېيىلىدۇ: چاۋشيەننىڭ سابىق رەھبىرى كىم ئېرسىن 1965-يىلى باندۇڭ يىغىنى ئېچىلغانلىقىنىڭ ئون يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان ھەم نۇتۇق سۆزلىگەن، ئەينى چاغدا كىم جۇڭئېل ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ بارغان.

  ئاسىيا، ئافرىقا باشلىقلار يىغىنى ئېچىلىپ ئارىدىن 50 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، 2005-يىلى جاكارتادا يەنە بىر قېتىم ئېچىلغاندا، ئەينى چاغدىكى كورېيە زۇڭلىسى لى خەيزەن كىم يوڭنام بىلەن كۆرۈشكەن، ئىككى تەرەپ جەنۇب-شىمال دائىرىلىرىنىڭ سۆھبىتى ھەم چاۋشيەن يېرىم ئارىلى يادرو مەسىلىسى ھەققىدىكى ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنى قايتا باشلاش قاتارلىق ئىشلاردا پىكىر ئالماشتۇرغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر