باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2015-يىللىق ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئىمتىھان بېرىش ۋاقتى 20-ئىيۇندىن 22-ئىيۇنغىچە بولىدۇ

2015.02.26 14:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2015-يىللىق ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا تىزىملىنىش ۋاقتى 10-مارتتىن 10-ئاپرېلغىچە بولۇپ، ئىمتىھان 20-ئىيۇندىن 22-ئىيۇنغىچە ئىلىنىدۇ.

  25-چېسلا، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار خىزمەت ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئادەتتە، شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەن تولۇقسىزنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئوقۇۋاتقان مەكتىپى، مائارىپ مەمۇرىي بۆلۈملەرنىڭ لاياقەتلىك تەكشۈرۈشى بولسىلا نوپوسى تۇرۇشلۇق مەكتەپ، مائارىپ ئىدارىسىغا تېزىملاتسا بولىدۇ. تېزىملاتقان ئوقۇغۇچىلار چوقۇم 2015-يىللىق پۈتۈن شىنجاڭدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش سەۋىيەسى ئىمتىھانىغا قاتنىشىشى كېرەك.

  ئىمتىھان ئىلىنىدىغان پەنلەر: ئەدەبىيات، ماتىماتىكا، فىزىكا ـ خىمىيە (بىرلەشتۈرۈلگەن)، ئىدىيە ـ ئەخلاق، تارىخ (بىرلەشتۈرۈلگەن)، ئېنگلىزتىلى (مىللىي تىلدا ئوقۇغانلار، شۇنداقلا قوش تىلدا ئوقۇغانلار خەنزۇتىلىدىن بېرىدۇ). ھەر بىر پەننىڭ تولۇق نومۇرى 150 نومۇر، ئومۇمىي نومۇر 750.

  تەپسىلىي ئەھۋاللارنى بىلمەكچى بولسىڭىز ھۆكۈمەت تورىدىن ئىزدەڭ.

  http://www.xjban.com/

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر