باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەتتىن قىلىنغان كىرىم 880 مىليون يۈەنگە يەتكەن

2015.02.26 13:44         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىزنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، چاغان مەزگىلىدە ئاپتونوم رايونىمىز كۈتىۋالغان ساياھەتچى 1 مىليون 82 مىڭ 500 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئۆتكەن يىلقى ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %2.92 ئاشقان. ساياھەتتىن قىلىنغان كىرىم 880 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

  ئىگىلىنىشچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ساياھەتكە ئالاقىدار ھەر قايسى تارماقلارنىڭ ئۆزئارا ماسلىشىشى، بىر- بىرىنى ئاكتىپ قوللىشى، ھەمكارلىشىشى نەتىجىسىدە بۇ يىللىق چاغانلىق ئالتۇن ساياھەت ھەپتىلىكى مەزگىلىدە ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ساياھەت بازارلىرى قويۇق بايرام كەيپىياتىغا چۆمۈپ، ساياھەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش موللىشىپ، بىخەتەر، تەرتىپلىك، سۈپەتلىك، ئۈنۈملۈك بولۇشتىن ئىبارەت ئالدىن كۆزلىگەن خىزمەت نىشانى ئورۇندىلىپ، نىسبەتەن ياخشى بولغان ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلگەن. چاغانلىق ئالتۇن ساياھەت ھەپتىلىكى مەگىلىدە ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەت بازارلىرى ئومۇميۈزلۈك جانلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزغا كەلگەن ساياھەتچىلەر ۋە ئومۇمىي ئىستېمال سوممىسى بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن كۆرۈنەرلىك ئاشقان. چىگىرىدىن چىقىپ ساياھەت قىلىش ئۆمەكلىرىنىڭ سانى 420 گە، ئادەم سانى 10 مىڭ 548 گە يېتىپ، چىگىرىدىن چىقىپ ساياھەت قىلغۇچىلارنىڭ سانى ئالدىنقى ئوخشاش مەزگىلىدىكىن %59.94 ئېشىپ، 2015- يىلدىكى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكنىڭ يارقىن نۇقتىسىغا ئايلانغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر