- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ كادىرلارنى قانۇنچىلىق بويىچە تەربىيەلەش ھەپتىلىكى پائالىيىتى باشلاندى
2015.02.26 13:40 مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى
تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ كادىرلارنى قانۇنچىلىق بويىچە تەربىيەلەش ھەپتىلىكى پائالىيىتى تۈنۈگۈن باشلاندى. بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش-- تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
تۈنۈگۈندىن 3- ئاينىڭ 1- كۈنىگىچە، تەپەككۈر شەكلى ۋە جەمئىيەت تەرتىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىق مەزمۇنلارننى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش يىراق مۇساپىلىك تەربىيەلەش سىن يىغىنى تۇرپان ۋىلايىتىدىكى ناھىيە- شەھەرلەردە بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلىدۇ. تۇرپان ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ شىنجيەن مۇنداق دېدى: «تەربىيەلەش خىزمىتى-- تۇرپاننى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ. تەربىيەلەش جەريانىدا، تۇرمۇشىمىزغا زىچ مۇناسىۋەتلىك 16 تۈرلۈك قانۇن- بەلگىلىمە مەزمۇن قىلىنىپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. تەربىيەگە قاتناشقاندىن كېيىن، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئائىلىلەرگىچە بېرىپ، قانۇن- نىزاملارنى تەشۋىق قىلىدۇ. تۇرپاندا ئەتىيازلىق تېرىلغۇ باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. كادىرلار ئېتىز- ئېرىق باشلىرىغىچە بېرىپ، قانۇنلارنى تەشۋىق قىلىپ، ئاممىنىڭ قانۇن ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تۇرپاننى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ».
5 كۈن داۋاملىشىدىغان تەربىيەلەشتە، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان «شەھەر- يېزا پىلانلاش قانۇنى»، «يەر باشقۇرۇش قانۇنى»، «مائارىپ قانۇنى» قاتارلىق قانۇن- بەلگىلىمىلەر مەزمۇن قىلىنىپ، تۇرپان ۋىلايىتىدىكى ھەر قايسى ناھىيە، شەھەر، يېزا- بازارلاردىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار تەربىيەلەشكە قاتنىشىدۇ. تۇرپان ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مۆمىن ئابدۇرىھىم مۇنداق دېدى: «چاغانلىق دەم ئېلىشتىن كېيىنكى تۇنجى خىزمەت كۈنىدە، كادىرلارنىڭ قانۇن ئۆگىنىشى-- جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ۋە ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. كېيىنكى قەدەمدە، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارمۇ ئۆگىنىش ئېلىپ بارىدۇ. مەكتەپنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ، خەلق رازى بولغان مائارىپنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىمىز».
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت
ئالاقىدار خەۋەرلەر