باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2015-يىللىق ئىككى يىغىننىڭ ئون كۆرۈش نۇقتىسى

2015.02.25 15:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2014-يىللىق ئىككى يىغىن مەزگىلىدە ۋەكىل ئەزالار بەس-بەستە پىكىر بەرمەكتە. (ياۋ داۋېي فوتوسى)

  ئىسلاھاتنىڭ ھالقىلىق يىلىدا قانداق مۇھىم تەدبىرلەر يولغا قويۇلىدۇ؟

  2014-يىلىنى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ باشلىنىش يىلى دېسەك، ئۇنداقتا 2015-يىلى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ھالقىلىق يىلى. 2015-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا پارتىيەنىڭ ئىرادىسى قايتىدىن دۆلەتنىڭ ئىرادىسىغا ئۆستۈرۈلۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسىنىڭ مەزمۇنى قىلىنىپ، قايتىدىن كونكېرت سىياسەت تەدبىرى قىلىنىدۇ. ئىسلاھ قىلىشقا قارىتا، بىز باشتىن-ئاخىر تەلپۈنىمىز.

  يېڭى تۇراقلىق ھالەتتە GDP نىڭ ئېشىش سۈرئىتى تۆۋەنلەمدۇ؟

  بۇلتۇر 5-ئايدىن بۇيان، «يېڭى تۇراقلىق ھالەت» كىشىلەرنىڭ جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىنى باھالاشتىكى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان سۆزىگە ئايلاندى، بۇ ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ تەڭشىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىپلا قالماستىن ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈپىتىگە قويۇلغان تەلەپنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنداقتا «يېڭى تۇراقلىق ھالەت» 2015-يىلى قايسى كونكېرت ئىقتىسادىي سىياسەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ؟ بولۇپمۇ «ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىش»، «ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش»تىن كېيىن، GDP نىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىمۇ تۆۋەنلىتەمدۇ؟ «ئىككى يىغىن»دا چوقۇم بۇ مەزمۇنلار سۆزلەندى.

  نۇقتىنى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»غا مەركەزلەشتۈرۈشتە يېزىلاردىكى «قاتتىق ئۇيقىدىكى كاپىتال»نى قانداق جانلاندۇرۇش كېرەك؟


  مەركەزنىڭ 2015-يىللىق 1-نومۇرلۇق ھۆججىتى ئېلان قىلىنىپ، نۇقتىنى ئۇدا 20 يىل «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»غا مەركەزلەشتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە «مۇھىم ئىسلاھاتلارنى قىلىشتا چوقۇم قانۇنىي ئاساس بولۇشى كېرەك» دېگەن سۆز «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»غىمۇ ماس كەلدى. بىر تەرەپتىن ئىسلاھ قىلىش، يەنە بىر تەرەپتىن قانۇن ئىدارە قىلىش، ئىشىنىمەنكى بۇ يېڭى ئورۇنلاشتۇرما، يېڭى ئىدىيەلەر بۇ يىللىق ئىككى يىغىندىكى قىزىق نۇقتىلىق تېمىغا ئايلىنىدۇ. رايون ئارا ماسلىشىشتا قانداق تەرەققىيات پۇرسىتىنى ياراتقىلى بولىدۇ؟

  «رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتى» جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇقتىدا ئايلاندى، بۇ دۆلەت، جايلارغا قانداق تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدۇ؟ ئىشىنىمەنكى ئىككى يىغىندا بۇ تېما چوقۇم قىزىق نۇقتىلىق تېمىغا ئايلىنىدۇ. تۈزۈم بىلەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا «يولۋاس»، «چىۋىن»غا زەربە بەرگەندىن كېيىن يەنە قانداق ھەرىكەتلەر بولىدۇ؟

  2015-يىلى قانداق قىلىپ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرغىلى بولىدۇ؟


  يەنە قانداق «چوڭ يولۋاس»لار قولغا چۈشىدۇ؟ قانداق قىلىپ تۈزۈم بىلەن ھوقۇقنى ھەقىقىي كونترول قىلىپ، چىرىكلىشىشنى خالىماسلىق، چىرىكلەشمەسلىك، چىرىكلىشىشكە جۈرئەت قىلماسلىق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ھەقىقىي شەكىللەندۈرۈپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى تۇراقلاشتۇرغىلى، ئۇزاق ئۈنۈملۈك قىلغىلى بولىدۇ؟ كىشىلەر بۇنىڭغا ئىنتىزار بولماقتا.

  ئەدلىيەدە ئادىل بولۇشتا ناھەق، يالغان، خاتا دېلولار قايتا سادىر بولامدۇ؟


  خەلقنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغداش ئۈچۈن، خەلققە ھەر بىر دېلودىكى ئادىللىقنى ھېس قىلدۇرۇپ، خۇگجېلتۇ، يۈ يىڭشېڭ قاتارلىق ناھەق، يالغان، خاتا دېلولارنى قايتا سادىر قىلماسلىق، كېيىنكى قەدەمدە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتە يەنە قانداق يېڭى تەدبىر، يېڭى يارقىن نۇقتىلار ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ؟ بۇنى بىلىش ئۈچۈن «ئىككى يىغىن» دوكلاتىنى ئوقۇش زۆرۈر.

  قانۇن چىقىرىش قانۇنى ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن «قىزىل ھۆججەت» يەنە ئۆزىنىڭ بىلگىنىنى قىلامدۇ؟ يەرلىكنىڭ قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى يەنە ئۆسەمدۇ؟ «قىزىل ھۆججەت»نى چەكلەمدۇ؟

  دەسلەپكى لايىھە بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قانۇن-نىزاملارغا ئاساسلانماي تۇرۇپ پۇقرا، قانۇنىي ئىگە ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ھوقۇقىنى كېمەيتىدىغان ياكى مەجبۇرىيىتىنى كۆپەيتىدىغان قانۇنلارنى چىقىرىشىغا بولمايدۇ. ئۇنداقتا زادى قانداق ھۆكۈم قىلىنىدۇ، «ئىككى يىغىن»غا نەزەر سالايلى. نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا خەلق تۇرمۇشىدا قانداق يېڭى ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ؟

  دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق 11 تارماق بىرلىشىپ يېقىندا ھۆججەت ئېلان قىلىپ، بېيجىڭ توڭجۇ رايونى قاتارلىق 62 شەھەر(بازار)نى دۆلەتنىڭ يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنى ئۇنىۋېرسال نۇقتىدا سىناق قىلىش رايونىغا كىرگۈزدى، بۇ جايلار جەملىمە نومۇر بويىچە نوپۇسقا ئولتۇرغۇزۇش سىياسىتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. مەكتەپكە بېرىش، كېسەل كۆرسىتىش، ئۆي سېتىۋېلىش .... پۇقرالارنىڭ خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىگە چېتىلىدىغان بۇ مەسىلىلەر يىلدا قىزىق نۇقتا بولۇپ كەلدى، بۇ پۇقرالارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ تېخىمۇ كۆپ خىزمەتلەرنى ئىشلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇ دەل نۇرغۇن تورداشلارنىڭ ئىككى يىغىندا تېخىمۇ كۆپ «جۇڭگو خۇش ئاۋاز»نىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئىجتىمائىي بايلىق تەقسىماتىدا تېخىمۇ ئادىل بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىنى مۇراجىئەت قىلغىنىغا ئوخشاش.

  ئىدىيە، مەدەنىيەت ئىستىھكامىنى مۇستەھكەملەپ، قانداق قىلغاندا «روھىي تۇمان»دىن بۆسۈپ چىققىلى بولىدۇ؟


  قانداق قىلغاندا «سەمىمىيلىك، ئاق كۆڭۈللۈك، گۈزەللىك»نى ئەۋج ئالدۇرۇپ، «ساختىپەزلىك، قارا نىيەتلىك، زومىگەرلىك»تىن ساقلىنىپ، ھەر خىل «روھىي تۇمان»دىن بۆسۈپ چىقىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەۋج ئالدۇرۇش، سىزنىڭ ۋە مېنىڭ ئورتاق تەتقىق قىلىشىمىزغا ئەرزىيدىغان مەسىلىدۇر.

  ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتا «تۇمان»نى قانداق يوقىتىش كېرەك؟

  ھەر يىللىق ئىككى يىغىندا، ئېكولوگىيەنى قوغداش، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش، تۇماننى تىزگىنلەش قاتارلىقلار ئەڭ كۆپ ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان قىزىق نۇقتىلىق تېمىلارنىڭ بىرى. بۇ يىلىمۇ شۇنداق بولىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى قانداق قىلغاندا ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىنى يەنىمۇ ئۆزگەرتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتىكى مەسئۇلىيەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۇماننى يوقىتىش قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەرنىڭ جاۋابىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتمەكتە. (خەلق گېزىتى مۇخبىرى جاڭ ياڭ)

   مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر