باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

509 مىڭ 100 كىشى بېيجىڭغا باردى، قايتىدىغان يولۇچىلار سانىدا رېكورت يارىتىلدى

2015.02.25 15:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۈرەتتە: يولۇچىلار تۆنۈگۈن چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ ۋوگزالى سىرتىدىكى مېترو بېكىتىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا ئۇزۇن ئۆچرەت تۇرماقتا. (جىڭخۇا ۋاقىت گېزىتى مۇخبىرى پەن جىۋاڭ فوتوسى)

  جىڭخۇا ۋاقىت گېزىتى خەۋىرى. تۆنۈگۈن چاغانلىق دەم ئېلىش كۈنىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ھەققىي ئېلىنمايدىغان ئاخىرقى كۈن، شۇنداقلا قايتىدىغان يولۇچىلار ئەڭ كۆپ كۈن. مۇخبىرنىڭ بېۇجىڭ شەھەرلىك قاتناش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، ھەر قايسى يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ئومۇمىي گەۋدىسىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى مۇقىم بولغان، لېكىن، بېيجىڭ-لاسا، بېيجىڭ-كەيفېڭ، 6-ئايلانما قاتارلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللارنىڭ قىسمەن بۆلەكلىرىدە قاتناش ۋەقەسى سەۋەبىدىن قىستاڭچىلىق كۆرۈلگەن، بيېجىڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا قاتناش ۋەقەسى سەۋەبىدىن تەخمىنەن تۆت سائەت قىستاڭچىلىق كۆرۈلگەن.

  قاتناش تارماقلىرىنىڭ ئالدىن مۆلچەرىگە قارىغاندا، ھەر قايسى يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللاردىن بېيجىڭغا كىرىدىغان يۆنىلىشلەردە تۆنۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت 3تىن باشلاپ ئاپتوموبىللار كۆپىيىپ كېتىپ، قىستاڭچىلىق كۆرۈلىدىكەن. تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن، بېيجىڭ ساقچى ئاۋىياتسىيە باش ئەترىتى يەنە بىر ساقچى تىك ئۇچار ئايروپىلانىنى ئىشقا سېلىپ، بېيجىڭ-لاسا، بېيجىڭ-چېڭچى، بېيجىڭ-خاربىن، بېيجىڭ-شاڭخەي، بېيجخڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن قاتارلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللاردا قاتناش تەرتىپىنى ھاۋادىن نازارەت قىلغان، بولۇپمۇ ھەر قايسى ھەق ئېلىش پونكىتلىرىدىكى ئاپتوموبىللارنىڭ ئاز-كۆپلۈك ئەھۋالىنى نۇقتىلىق چارلاپ، ھاۋا بوشلۇقىدا ئايلىنىش، توختاش قاتارلىق ئۇچۇش تېخنىكىسى ھەرىكەتلىرىنى مۇۋاپىق قوللىنىپ، ھاۋا بوشلۇقىدا توپلىغان يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سۈرەتلەرنى قاتناش تارماقلىرىغا ۋاقىتدا يوللاشقا قولايلىق يارىتىپ، يەر يۈزى قوماندانلىق مەركەزلىرىنىڭ پۈتكۈل شەھەردىكى ھەر قايسى يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللاردىن بېيجىڭغا كىرىدىغان يۆنىلىشتىكى قاتناش ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىشىنى ئۇچۇر ۋە سۈرەت بىلەن تەمىنلىگەن، لايىھەنى تەڭشەش ۋە قاتناش قىستاڭچىلىقىنى پەسەيتىشكە تېز قوماندانلىق قىلىشنى ئاساس بىلەن تەمىنلىگەن.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر