باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمەتچىلەرنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش خىزمىتىنى كۈچەيتىدۇ

2015.02.25 14:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى يېقىندا مۇنداق دېدى: بۇ يىل مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ھوقۇقنى قوغداش خىزمىتىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئىقتىسادى يېڭى ھالەتتە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىدە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ، قانۇن بويىچە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھوقۇقنى ئىلمىي قوغداشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىرىنچى سەپتىكى خىزمەتچىلەر، دېھقان-ئىشلەمچىلەر، سىرتقا ئەۋەتىلگەن ئەمگەكچىلەر، قىيىنچىلىقى بار ئىشچى-خىزمەتچىلەر قاتارلىقلارنى نۇقتىلىق ئامما، ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىقتىدار جەھەتتىن تەربىيەلەش، كىرىم تەقسىماتى، ئىجتىمائىي كاپالەت، بىخەتەرلىك، سەھىيە، ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئالاھىدە ھوقۇق-مەنپەئەتىنى نۇقتىلىق مەزمۇن قىلىپ، مەسىلىلەرنى كۈچەپ بايقاپ، ئۆزگەرتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ، ھۆكۈمەت ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىرلەشمە كېڭىشى، ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرۇشتىكى ئۈچ تەرەپ مېخانىزمى، كوللېكتىپ كېڭىشىش تۈزۈمى، خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى قاتارلىق يول ئارقىلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ.

  باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى مائاش، سائەتلىك ئىش ھەققى، ئەمگەك شارائىتى قاتارلىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئوخشاش ئىشتا ئوخشاش ئىش ھەققى ئېلىش، ئوخشاش ھوقۇقتىن بەھرىمان بولۇش، ئاساسى ئاممىۋى مۇلازىمەتتىن باراۋەر بەھرىمەن بولۇشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرىدۇ. دۆلەتلىك دېھقان-ئىشلەمچىلەر، ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش پىلانىغا پائال قاتنىشىپ، دېھقان-ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمىتىدە «باھار شامىلى ھەرىكىتى»نى قانات يايدۇرۇپ، دېھقان-ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. دېھقان-ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىشنى مەخسۇس تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، نېسى قالغان ئىش ھەققىنى دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى تۇرغۇزىدۇ. دېھقان-ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر