باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇ يىل-- ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇمىيۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىدىكى ھالقىلىق بىر يىل

2015.02.26 13:34         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن باشلانغان «تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقنىڭ يېڭى تۇراقلىق ھالىتىگە ماسلىشىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملەش» باش تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەردىن ئىگىلىنىشىچە، بۇنىڭدىن كېيىنكى 3 يىلدا، بايلىق مەنبەسى تۈرىدىكى مەركەز كارخانىلىرى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۇرۇشلۇق جايىدا قانۇنىي ئىگىنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ، باج كىرىمىنى تۇرۇشلۇق رايون باشقۇرىدىكەن. بۇ مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرى-- ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنى بايلىق مەنبەسىنى ئېچىشتىن تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشتۈرىدۇ.

  نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدا 130 نەچچە مەركەز كارخانىسى بار بولۇپ، نېفىت- تەبىئىي گاز قېزىش، نېفىت خىمىيە سانائىتى، ئېلىكتىر ئېنىرگىيە، خەۋەرلىشىش، مىتاللورگىيە، بىناكارلىق ماتىرىياللىرى، كۆمۈر قاتارلىق يېتەكچى كەسپلەرنى قاپلىدى ھەمدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سانائەت ئاشۇرما قىممىتىنىڭ %70 دىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى. ئەمما، كۆپ يىللاردىن بۇيان، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ يەرلىكنىڭ مالىيە ئىشلىرىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەن بولدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھاتنى ئومۇمىيۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى «بايلىق مەنبەسى تۈرىدىكى مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۇرۇشلۇق جايىدا قانۇنىي ئىگىنى تىزىمغا ئالدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش پىكرى» نى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، «بۇنىڭدىن كېيىنكى 3 يىلدا، بايلىق مەنبەسى تۈرىدىكى مەركەز كارخانىلىرىغا يەرلىك پاي قوشۇش، تۇرۇشلۇق جايىدا قانۇنىي ئىگىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋە پارتىيە تەشكىلىي مۇناسىۋىتىنى تۇرۇشلۇق جايى باشقۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كېرەك» دەپ بەلگىلىدى. بۇنىڭ بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەركەز كارخانىلىرى ۋە سىرتتىن كەلگەن كارخانىلارنىڭ تۇرۇشلۇق جايىدا قانۇنىي ئىگىنى تىزىمغا ئالدۇرۇشى، پايدا ۋە باج يەرلىككە تەۋە بولۇشى ئومۇمىيۈزلۈك ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بايلىق مەنبەسىنى ئېچىشتىن تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشىش ئاساسى مۇستەھكەملەندى. ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ چۈنلىن مۇنداق دېدى: «ئاۋال ئاسانلىرىنى، ئاندىن قىيىنلىرىنى ئېلىپ بېرىش، مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، بايلىق مەنبەسى تۈرىدىكى مەركەز كارخانىلىرى ئاپتونوم رايونىمىزدا يېڭىدىن تەسىس قىلغان كارخانىلارنى تۇرۇشلۇق جايىدا تىزىمغا ئالدۇرۇشنى بۆسۈش نۇقتىسى قىلىپ، بىر كارخانىغا بىر سىياسەت بېكىتىش تەلىپىگە ئاساسەن، تۇرۇشلۇق جايىدا تىزىمغا ئالدۇرۇشنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرىمىز. يەرلىك كارخانىلارنى بايلىق مەنبەسى تۈرىدىكى مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تارماق ئاپپاراتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشقا تەشكىللەپ ۋە قوللاپ، بايلىق مەنبەسى تۈرىدىكى مەركەز كارخانىلىرىنىڭ يەرلىك بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى يۇقىرى ئۈنۈمدە ئىلگىرى سۈرۈشكە تىرىشىمىز. جايلار ئاساسىي گەۋدىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى؛ ئاپتونوم رايونىمىزدا تۇرۇشلۇق مەركەز كارخانىلىرى رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، ئارىلاشما ئىگىلىكنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كېرەك».

  بۇ يىل-- ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇمىيۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىدىكى ھالقىلىق بىر يىل. يېڭى يىل مەزگىلىدە، جۇڭگو نېفىت گۇرۇھى ئارىلاشما ئىگىلىك ئىسلاھاتىنىڭ تۇنجى پاي ئوقىنى ئاتتى. جۇڭگو نېفىت گۇرۇھى شىنجاڭ سېتىش شۆبە شىركىتىنىڭ نامى جۇڭگو نېفىت گۇرۇھى شىنجاڭ سېتىش چەكلىك شىركىتىگە ئۆزگەرتىلدى. شىركەتنىڭ خاراكتىرىمۇ مەركەز كارخانىسىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا تۇرۇشلۇق شۆبە شىركىتىدىن ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان دۆلەت كارخانىسىغا ئايلاندى. بۇ يىل، ئاپتونوم رايوننىڭ ئارىلاشما ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە يەرلىكلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنىڭ نىشانى يەنىمۇ ئېنىق بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ چۈنلىن مۇنداق دېدى: «مەركەز كارخانىلىرى بىلەن يەرلىكنىڭ ئۆز ئالدىغا قىدىرىپ تەكشۈرۈش ۋە ئېچىش رايونى ئىچىدە كەڭ دائىرىدە ھەمكارلىشىپ، يەرلىك كارخانا، بىڭتۈەن كارخانىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدا تۇرۇشلۇق مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىش، ئورتاق ئالغا ئىلگىرلىشىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تىرىشىمىز. بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونىمىزدا تۇرۇشلۇق بايلىق مەنبەسى تۈرىدىكى مەركەز كارخانىلىرى پارتىيە تەشكىلىي مۇناسىۋىتىنى يەرلىككە يۆتكەپ كىرىشى ھەمدە مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسەت- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر