باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2015-يىلى «تېمىتىپ سۇغۇرۇش» شەكلى بويىچە چېگرا ـ رايوندىكى 15 قىيىنچىلىقى بار ناھىيەگە ياردەم بېرىلىدۇ

2015.02.25 14:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنڭ 25-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2015-يىلى، شىنجاڭدا چېگرا رايوندىكى 15 قىيىنچىلىقى بار ناھىيەگە نۇقتىلىق تۈردە «تېمىتىپ سۇغۇرۇش» شەكلىدىكى نامراتلارنى يۆلەش يولغا قۇيۇلۇپ، تۇتاش نامرات رايونلارنى يۆلەشنى ئاساس قىلغان نامراتلارنى يۆلەش ئىستىراتىگىيەسى داۋاملىق تۈردە يولغا قويۇلۇپ، تەرەققىيات پەرقى كىچىكلىتىلىپ، نامراتلارنى نۇقتىلىق يۆلەش سالمىقى ئاشۇرۇلىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىللىق نۇقتىلىق نامراتلارنى يۆلەش «تىزىملىكى»گە كىرگەن چېگرا رايوندىكى 15 ناھىيە يىراق، خىلۋەت تاغلىق كەنتلەر، قاتتىق سوغۇق بولىدىغان بەلباغلار ۋە قۇملىشىش بىر قەدەر ئېغىر بولغان رايونلار بولۇپ، بۇ جايلارنىڭ سۇ بايلىقى ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل، تۇپرىقى ناچار، ئېكولوگىيەلىك سىستېمىسى ئاجىز، تەبىئىي ئاپەتلەر كۆپ يۈز بېرىدىغان، ئاپەتتىن كېيىن قايتا نامرات بولۇش ئېھتىمالى يۇقىرى بولۇش شىنجاڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىدىكى چوڭ مەسىلە.شۇڭا، 2015-يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ ھەر يىلى مالىيەدىن 5 مىليۇن يۈەن ئىقتىساد ئاجرىتىپ، ھەر قايسى ناھىيەلەردىن يەنە 10 مىليۇن يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ جەملەپ، يەرلىكتىكى چېگرا رايوندىكى دېھقانلارنىڭ تۇرالغۇسىنى ياخشىلاش، سىرتقا تۇتاشقان تاغ ئېغىزىدىكى ماددىي بۇيۇملار بىلەن تەمىنلەش پونكىتى قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىغا ئىشلىتىپ، «ئالدىنقى سەپنى قىسقارتىپ، ئەۋزەللىكنى بىر نۇقتىغا يىغىش» پرىنسىپى بويىچە، كەنتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەخسۇس تۈرلۈك نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى جەملەپ نامراتلارنى پەلەمپەيسىمان يۆلەشنى يولغا قويىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت ئوبلاست چېگرا رايون، مىللىيلار توپلاشقان رايون، ئېگىزلىك قۇملۇق شۇنداقلا نامرات تۇتاش قىيىنچىلىقى ئېغىر ناھىيەلەر بولۇپ، شۇڭا بۇ يىل دۆلىتىمىز ۋە ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىساد، سىياسەت ۋە تۈر جەھەتتە ئەڭ زور دەرىجىدە يۆلەيدۇ.

  2014-يىلى، شىنجاڭدا 354 قىيىنچىلىقى بار كەنتلەرگە قارىتا پۈتۈن كەنتنى يۆلەش پىلانى يولغا قويۇلغان بولۇپ، تەربىيەلەنگەن قىيىنچىلىقى بار دېھقان ـ چارۋىچىلار 146 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، نامرات رايونلاردىكى دېھقان ـ چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمى 800 يۈەندىن ئاشقان، پۈتۈن بىر يىلدا نامرات يۆلەش ئوبېكتىلىرىدىن 360 مىڭ ئادەم ئازايغان.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر