باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خوتەن شەھەر باشلىقى پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلدى، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى

2015.02.25 14:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنڭ 25-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى خوتەن شەھەرلىك كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى ئادىل نۇرمەمەتنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش دېلوسىغا قارىتا دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ئىلىپ باردى،

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئادىل نۇرمەمەت خوتەن شەھەرلىك كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىق، شەھەر باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغاندا، سىياسىي قانۇنغا ۋە سىياسىي قائىدىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ زور مىقداردا پارا ئالغانلىقى، قانۇنسىز ھالدا كارخانىنىڭ پايدا مەنپەئىتى ئۈچۈن تىجارەت قىلغانلىقى ئېنىقلانغان.

  ئادىل نۇرمەمەتنىڭ يۇقۇرىقىدەك قىلمىشلىرى، ئېغىر دەرىجىدە قانۇن ـ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش ۋە جىنايەت شەكىللەندۈرگەن. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزامنى بىر تەرەپ قىلىش ماددىلىرى» ۋە «مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ مەمۇرىي خادىملارنى بىر تەرەپ قىلىش ماددىسى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇشى بىلەن ئادىل نۇرمەمەت پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق تەپتىش نازارىتى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە يوللىغاندىن كېيىن تەستىقلاش ئارقىلىق مەمۇرىي خىزمىتىدىن ئىلىپ تاشلاندى؛ ئۇنىڭ جىنايىتىگە چېتىشلىق مەسلىلەر ۋە يىپ ئۇچى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشغا تاپشۇرۇلدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر