باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ساۋەن ناھىيەسىدە بەش بال يەر تەۋرىدى، 1728 نەپەر دېھقان ـ چارۋىچىلارنىڭ ئۆيى زىيانغا ئۇچراپ، 6756 كىشىگە زىيان يەتتى

2015.02.25 14:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنڭ 25-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 22-فېۋرال، سائەت 14:42 ئۆتكەندە، ساۋەن ناھىيەسىنىڭ دوڭۋەن بازىرىنىڭ ئەتراپىدا بەش بال يەر تەۋرىدى، بەختكە يارىشا ئادەم ئۆلۈش يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى.خەتەردىن قۇتۇلدۇرۇپ ياردەم بەرگۈچى خادىملار يەر تەۋرەشتىن كېيىن ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىنىڭ زىيانلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە. (ئىختىيارىي مۇخبىر لى دوڭيۇڭ تەمىنلىگەن.)

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايوندىكى ئۈچ مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى تەۋرەش مەركىزى ساۋەن ناھىيەسىنىڭ دوڭۋەن بازىرى كۆكساز كەنتىنىڭ 50 كىلومېتىر ئۆپچۆرىسىدىكى 11 يېزا ـ بازار، 132 كەنتنى ئاساس قىلىپ، ئاپەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، جىددىي يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ئاپەتنى ئازايتىش خىزمەتلىرىنى ئىلىپ بارغان. دەسلەپكى قەدەمدىكى ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەشتە بۇ ناھىيەدىكى 1728 نەپەر ئاھالە، 15 مىڭ كۋادرات مېتىردىن كۆپرەك دېھقان ـ چارۋىچىلارنىڭ ئۆيى ئوخشىمىغان دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىغان، 6756 نەپەر ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىغان، بىراق ئۆلۈش – يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر