- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مالايسىيا ئاۋىئاتسىيەسى 8-مارت MH370نۆۋەتلىك ئايروپىلاننىڭ ۋەقەگە يولۇققانلىقىنىڭ بىر يىللىقىدا ئايروپىلاندىكىلەر ئۈچۈن ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ
2015.02.25 14:08 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-فېبرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەرلەر مەركىزىنىڭ ئورگان مىكرو بىلوگى «مەركىزىي تېلېۋىزىيە خەۋەرلىرى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 24-فېۋرال مالايسىيا قاتناش مىنىستىرى لياۋ جوڭلەي مالايسىيا ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ 8-مارت MH370نۆۋەتلىك ئايروپىلاننىڭ ۋەقەگە يولۇققانلىقىنىڭ بىر يىللىقىدا ئايروپىلاندىكىلەر ئۈچۈن ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۆتكەن يىلى 8-مارت كۇئالا-لومپۇردىن بېيجىڭغا ئۇچقان MH370نۆۋەتچى ئايروپىلان بىلەن بولغان ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان، ئايروپىلاندا 154نەپەر جۇڭگولۇق يولۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 239كىشى بار ئىدى. بۇ يىل 29-يانۋاردا مالايسىيا ئاۋىئاتسىيەسى MH370نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ۋەقەگە يولۇققانلىقىنى جاكارلىغان.
تەرجىمە مۇھەررىرى:ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر