باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات(5)

2014.03.14 09:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   2. 2014- يىللىق خىزمەتنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى

  2014 - يىلى، بىز دۇچ كېلىدىغان ۋەزىيەت ھېلىھەم چىگىش-مۇرەككەپ، پايدىلىق شارائىت بىلەن پايدىسىز ئامىل تەڭ مەۋجۇت. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشىدا، مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق ئامىللىرى ھېلىھەم مەۋجۇت، بەزى دۆلەتلەرنىڭ ماكرو سىياسەتنى تەڭشىشىدىن بولغان ئۆزگىرىش گۈللەنمە ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنى يەنە يېڭى قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا دۇچ كەلتۈردى. دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى چوڭقۇر تەڭشىلىۋاتىدۇ، خەلقئارا رىقابەت تېخىمۇ كەسكىنلىشىۋاتىدۇ. دۆلىتىمىزدە تەرەققىياتقا تىرەك بولىدىغان ئامىل شارائىتىدىمۇ چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەتلەر گەۋدىلىنىپ چىقىۋاتىدۇ، دۆلىتىمىز قۇرۇلما تەڭشەشنىڭ ئازابلىنىش مەزگىلىدە، سۈرئەتنى ئاشۇرۇشنىڭ خوت يۆتكەش مەزگىلىدە، داۋان ئېشىشنىڭ مۇھىم پەيتىدە تۇرۇۋاتقاچقا، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى ھېلىھەم بىرقەدەر زور. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ھېلىھەم نى-نى ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرماقتا، سانائەتلىشىش، بازارلىشىش سىجىل ئالغا سىلجىتىلماقتا، رايون تەرەققىياتىدا ئىمكانىيەت كۆپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە ئىقتىسادنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش ئاساسىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ شارائىتىمۇ بار. بىز يىراقنى كۆزدە تۇتۇپ، مەسىلىلەرنى بىخ ھالىتىدىلا ھەل قىلىپ، پايدىغا يۈزلىنىپ، زىياندىن ساقلىنىپ، تەرەققىياتنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى چوقۇم پۇختا ئىگىلىشىمىز شەرت.

  ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ بۇ يىللىق ئومۇمىي تەلىپى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ ۋە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئەتراپلىق ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەتنىڭ مۇقىملىق داۋامىدا ئىلگىرىلەش ئومۇمىي روھىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەممە ساھەلىرىگە، ھەممە ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈپ، ماكرو ئىگىلىك سىياسىتىنىڭ ئىزچىللىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، تەڭشەش-تىزگىنلەشنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكى ۋە قاراتمىلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئەتراپلىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىشنى تۈرتكە قىلىش يولىنى تۇتۇپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، بازارلاشتۇرۇش ۋە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە يولىدا قەتئىي ئېغىشماي مېڭىپ، ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش ۋە دەرىجىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتكە ئىگە قىلىپ ۋە ياخشىلاپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى-مۇقىملىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش.

  ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىـڭ بۇ يىلـلىـق ئاساسىـي كۆزلىمـە نىشانـى: ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى تەخمىنەن 7.5% ئاشۇرۇش، ئاھالە ئىستېمال باھاسىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتىنى 3.5% ئەتراپىدا تىزگىنلەش، شەھەر-بازارلاردا 10 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، شەھەر-بازارلاردا تىزىملانغان ئىشسىزلار نىسبىتىنى 4.6% ئىچىدە تىزگىنلەش، خەلقئارا كىرىم-چىقىمنى ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، ئاھالە كىرىمىنىڭ ئېشىشى بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ تەڭ قەدەملىك بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشىش. ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مال باھاسى، خەلقئارا كىرىم-چىقىم قاتارلىق ئاساسىي نىشاننى بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭپۇڭلاشتۇرۇش لازىم. بۇ يەردە مەن ئىككى نىشاننى نۇقتىلىق چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن.

  ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا. دۆلىتىمىز — ھېلىھەم تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، دۆلىتىمىز ھازىرمۇ سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، تەرەققىيات — دۆلىتىمىزدىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشتىن ئىبارەت مەركەزنى چىڭ ئىگىلەپ، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق ئېشىش سۈرئىتىنى ساقلاش شەرت. ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇش، قايتا ــ قايتا دەڭسەش ئارقىلىق، ئىقتىسادنى 7.5% ئەتراپىدا ئاشۇرۇشنى كۆزلىمە نىشان قىلىپ بەلگىلىدۇق، بۇنىڭدا ئېھتىياج بىلەن ئىمكانىيەت تەڭ كۆزدە تۇتۇلغان. بۇ نىشان ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانى بىلەن جىپسىلاشقان بولۇپ، بازار ئىشەنچىنى چىڭىتىشقىمۇ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش ۋە ياخشىلاشقىمۇ پايدىلىق. ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇشتا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ھەم شەھەر ــ بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىدىغانلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، ھەم يېزا يۆتكەلمە ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ شەھەرگە كىرىپ ئىشلىشىگە ئىمكانىيەت تۇغدۇرۇش مەقسەت قىلىنىدۇ، تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا، شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش مەقسەت قىلىنىدۇ. بۇ يىل ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ بىرمۇنچە ئاكتىپ ئامىلى بار، شۇنداقتىمۇ جاپاغا چىداپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمز شەرت.

  باھا سەۋىيەسى توغرىسىدا. ئاھالە ئىستېمال باھاسىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتىنى 3.5% ئەتراپىدا تىزگىنلەشتە باھا ئۆرلەشنىڭ بۇلتۇرقى ئۆرلىمە تەسىرى ۋە بۇ يىلقى يېڭى ئامىلى نەزەرگە ئېلىندى، بۇ ھال بىزنىڭ پۇل پاخاللىقىنى تىزگىنلەش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئىرادىمىز ۋە ئىشەنچىمىزنى بىلدۈرىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە مەھسۇلات يىلمۇيىل ئاشتى، سانائەت مەھسۇلاتلىرىدا ئومۇمەن تەمىنات تەلەپتىن ئارتۇق، ئاشلىق قاتارلىق ماددىي ئەشيا زاپىسى يېتەرلىك، ئىمپورت-ئېكسپورتنى تەڭشەش ئىقتىدارىمىز بىرقەدەر كۈچلۈك، مال باھاسى ئومۇمىي سەۋىيەسىنىڭ ئاساسىي مۇقىملىقىنى ساقلاشنىڭ بىرمۇنچە پايدىلىق شارائىتى بار. ئەمما بۇ يىل مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان ئامىللارمۇ ئاز ئەمەس، بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدۇ، مال باھاسىنى تەڭشەش ــ تىزگىنلەشنى ئوبدان تۇتۇپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا زور تەسىر يەتكۈزۈشتىن ھەقىقىي ساقلىنىشىمىز شەرت.

  ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ بۇ يىللىق نىشان، ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا، تۆۋەندىكى پىرىنسىپ ۋە سىياسەت يۈزلىنىشىنى ئوبدان ئىگىلەش كېرەك.

  بىرىنچى، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ھاسىل قىلىش لازىم. ئىسلاھات — ئەڭ چوڭ پايدا. ھازىر ئىسلاھات جەڭ مەزگىلىگە ۋە كۆرۈنمەس ساھەگە قەدەم قويدى، شۇڭا، خەلق ئاممىسىغا چىڭ تايىنىپ، جاندىن كېچەر ئەزىمەتلەرگە خاس ئىرادە، يا ئۆلۈم، يا كۆرۈم دەپ ئېلىشىدىغان جاسارەت بىلەن ئىدىيەۋى قاراش ئاسارىتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، مەنپەئەتنى تۇراقلاشتۇرىدىغان توسۇقتىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى تۈرتكە قىلىپ، ھەر ساھەدىكى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش شەرت. ئىسلاھاتقا ئامما تازا تەقەززا بولۇۋاتقان ساھەلەردىن، ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان ئەڭ گەۋدىلىك مەسىلىلەردىن، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكىلەر ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلالايدىغان ھالقىلاردىن تۇتۇش قىلىپ، بازارنى بايلىق تەقسىملەشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان قىلىپ ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ئوبدان جارى قىلدۇرۇپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەشكە پايدىلىق ئىسلاھاتنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ۋە ئامىللارنىڭ ياخشى تەقسىم قىلىنىشىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان توسالغۇنى تۈگىتىش كېرەك، بۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل جەمئىيەت ئىجادكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق ئىشقا سالالايدىغان، ئادىللىق-ھەققانىيلىق گەۋدىلىنىدىغان، پۈتكۈل خەلق ئىسلاھات ــ تەرەققىياتنىڭ نەتىجىسىدىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان بولسۇن. ئىككىنچى، ئىقتىسادىي ھەرىكەتنى مۇۋاپىق ئارىلىقتا تۇتۇپ تۇرۇش كېرەك. ماكرولۇق تەڭشەش ــ تىزگىنلەش سىياسىتىنىڭ رامكىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئاخىرقى چېكى ۋە پۇل پاخاللىقىنىڭ يۇقىرى چېكىنى چىڭ ساقلاپ، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە پۇختا پۇل سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇش لازىم. بۇ يىل مالىيە قىزىل رەقىمى 1 تىرىليون 350 مىليارد يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، بۇ ئالدىنقى يىلدىكىدىن 150 مىليارد يۈەن ئارتۇق، بۇنىڭ ئىچىدە مەركەز مالىيەسىنىڭ قىزىل رەقىمى 950 مىليارد يۈەن، مەركەز جايلارغا ۋاكالىتەن تارقىتىدىغان زايوم 400 مىليارد يۈەن. مالىيە قىزىل رەقىمى بىلەن زايومنىڭ كۆلىمى ئومۇمىي ئىقتىساد مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ لايىقىدا كېڭەيتىلدى، ئەمما قىزىل رەقەم نىسبىتى 2.1% تە مۇقىملاشتۇرۇلۇپ، مالىيە سىياسىتىنىڭ ئىزچىللىقى گەۋدىلەندۈرۈلدى. پۇل سىياسىتىدە بوش ــ چىڭلىقنىڭ مۇۋاپىقلىقىنى ساقلاپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىي تەمىنات بىلەن ئېھتىياجنىڭ ئاساسىي تەڭپۇڭلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىم پۇل مۇھىتى ۋە پۇل مۇئامىلە مۇھىتىنى بەرپا قىلىش لازىم. ماكرو جەھەتتىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پۇل كىرېدىتى ۋە ئىجتىمائىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنى مۇۋاپىق كېڭىيىشكە يېتەكلەش كېرەك. بۇ يىل كەڭ مەنىدىكى پۇل M2 نىڭ كۆزلىمە ئېشىشى تەخمىنەن %13 بولىدۇ. مالىيە، پۇل ۋە كەسىپ، سېلىنما قاتارلىق جەھەتلەردىكى سىياسەتلەرنىڭ تەڭكەش ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، سىياسەت زاپىسىنى ياخشى تەييارلاپ، مۇۋاپىق پەيتتە لايىقىدا ئالدىن تەڭشەپ ۋە ئاز تەڭشەپ، جۇڭگو ئىقتىسادىدىن ئىبارەت غايەت زور پاراخوتنىڭ يىراققا مۇقىم يۈرۈشىنى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش لازىم.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر