باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات(2)

2014.03.14 09:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرىنچى، ئىسلاھات ــ ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنى تىرىشىپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغاتتۇق. ئىچكى ــ تاشقى مۇھىت گىرەلىشىپ، مۇرەككەپلىشىپ كەتكەن، ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەش يولىنى تاللاشتا قىينىلىپ قالغان ئەھۋالدا، بىز چوڭقۇر تەرەپتىن كۈچەپ، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى تەرەققىياتنىڭ تۈپ تەدبىرى قىلىپ، بازاردىن ئىبارەت «كۆرۈنمەس قول»نى قويۇپ بېرىپ، ھۆكۈمەتتىن ئىبارەت «كۆرۈنمە قول»نى ياخشى ئىشقا سېلىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈردۇق.

  بىز ئىسلاھاتنى ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزىدىن باشلاپ، فۇنكسىيەنى تېز ئۆزگەرتىش، ئورگاننى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىشنى مۇشۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھە دېگەندىلا تۇتىدىغان بىرىنچى چوڭ ئىشى قىلدۇق. گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى تەرتىپلىك يولغا قويدۇق، مەمۇرىي تەستىق قاتارلىق ئىشلارنىڭ 416 تۈرىنى تۈركۈمگە بۆلۈپ ئەمەلدىن قالدۇردۇق ۋە تۆۋەنگە بەردۇق، ھۆكۈمەت تەكشۈرۈپ تەستىقلايدىغان سېلىنما تۈرلىرىنىڭ كاتالوگىنى تۈزىتىپ، سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش بويىچە تىزىملاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولدۇق. جايلار ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنىڭ ئۆزگەرتىلىشىنى ۋە ئاپپارات ئىسلاھاتىنى پائال ئالغا سۈرۈپ، مەمۇرىي تەستىق ئىشلىرىنى زور نىسبەتتە ئازايتتى. «تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش» سىنىقىنىڭ دائىرىسى كېڭەيتىلدى، مەمۇرىي، كەسپىي خاراكتېرلىك ھەق ئېلىشنىڭ 348 تۈرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى ۋە كەچۈرۈم قىلىندى، كارخانىنىڭ سېلىقى 150 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق ئازايتىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى بازارغا قويۇلغان چەكنى بوشىتىپ، كارخانىنىڭ كۈچىنى ئاشۇردى، مەملىكەت بويىچە يېڭىدىن تىزىملانغان كارخانا 27.6% كۆپەيدى، ئەلئارا سېلىنما نىسبىتى 63%كە يەتتى. قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ تىزگىنى ئەتراپلىق قويۇۋېتىلدى، مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ پېيىنى ئۆتۈنۈش سىستېمىسىنىڭ سىنىقى ئېلىپ بېرىلدى. كۆچمەس مۈلۈكنى بىرتۇتاش تىزىملاش باشلاندى. ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى، تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادىي كۈچىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئۇرغۇتتى. بىز ئېچىۋېتىشنىڭ چوڭقۇرلۇقنى نىشانلاپ كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولدۇق. جۇڭگو شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونىنى تەسىس قىلىپ، ئىجازەتلىك كىرىشتىن ئىلگىرىكى پۇقراۋى مۇئامىلە ۋە مەنپىي تىزىملىك بويىچە باشقۇرۇش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدەندۇق. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى، 21 ــ ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. جۇڭگو — شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئەركىن سودا رايونىنىڭ يۇقىرى دەرىجىسىنى بەرپا قىلدۇق. شىۋېيتسارىيە، ئىسلاندىيە بىلەن ئەركىن سودا بېتىمى ئىمزالىدۇق. تاشقى سودىنىڭ ئېشىشىنى مۇقىملاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، تاموژنا، پرىيوم-كارانتىن قاتارلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مۇلازىمەتچىلىكىنى ياخشىلىدۇق. يورۇقلۇق ۋولتى بويىچە «ئىككىگە قارشى تۇرۇش»قا ئوخشاش زور سودا سۈركىلىشىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك تاقابىل تۇردۇق. يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول، يادرو ئېلېكتىرى قاتارلىق تېخنىكا جابدۇقلىرىنىڭ دۆلەت سىرتىغا چىقىرىلىشىغا تۈرتكە بولدۇق، سىرتقا مەبلەغ سېلىش زور دەرىجىدە كۆپىيىپ، چېگرا سىرتىغا چىقىپ ساياھەت قىلغانلار 100 مىليون ئادەم قېتىمغا يېقىنلاشتى. ئېچىۋېتىشنىڭ داۋاملىق ئالغا سىلجىتىلىشى تەرەققىياتنىڭ يېڭى بوشلۇقىنى كېڭەيتتى.

  ئىككىنچى، ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەش پىكرى ۋە ئۇسۇلىنى يېڭىلاپ، ئىقتىسادىي ھەرىكەتنىڭ مۇۋاپىق ئارىلىقتا تۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق. ئەركىن داۋالغۇپ تۇرغان ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ئالدىدا، بىز مۇقىم كۈچنى تۇتۇپ تۇرۇپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئاخىرقى چېكى ۋە پۇل پاخاللىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ يۇقىرى چېكىنى ساقلاپ قېلىشنى ئايدىڭلاشتۇردۇق، ئىقتىساد مۇۋاپىق ئارىلىقتا ھەرىكەت قىلسىلا، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، ماكرو سىياسەتنىڭ ئاساسىي يۆنىلىشىگە قەتئىي كاپالەتلىك قىلىپ، بازار ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي كۆزلىمىنى تۇراقلاشتۇرغىلى بولىدۇ.

  ئۆتكەن يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئېكسپورتتا زور دەرىجىدە داۋالغۇش بولدى، ئىقتىساد سىجىل تۆۋەنلىدى، مەركەز مالىيەسىنىڭ كىرىمىدە نۇرغۇن يىللاردىن بېرى ئانچە كۆرۈلمىگەن مەنپىي ئېشىش كۆرۈلدى، بانكىلار ئارا ئۆتنە-قەرز ئۆسۈم نىسبىتى بىر مەھەل بەكلا يۇقىرىلاپ كەتتى، خەلقئارادا جۇڭگو ئىقتىسادى «قوپال ئىزىغا چۈشۈشى» مۇمكىن دەيدىغان گەپلەر پەيدا بولدى. بىز بۇنداق ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە پۇختا پۇل سىياسىتىنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇردۇق، قىسقا مۇددەتلىك قوزغىتىش تەدبىرىنى قوللانماي، قىزىل رەقەمنى كۆپەيتمەي، ئارتۇق پۇل تارقاتماي، ئۈنۈملۈك تەمىناتنى كۆپەيتىپ، يوشۇرۇن ئېھتىياجنى قوزغىتىپ، بازاردىكى قىسقا مۇددەتلىك داۋالغۇشقا سالماقلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىسادىي ھەرىكەتنىڭ مۇۋاپىق ئارىلىقتىن چىقىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، بازارنى مۇقىم كۆزلىمىگە ئىگە قىلىشنى ئىقتىسادنى مۇقىملىق داۋامىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلەندۈرۈشنىڭ ئاچقۇچلۇق بىر تەدبىرى قىلدۇق. بۇلتۇر مالىيە قىزىل رەقىمى خامچوت دائىرىسىدە تىزگىنلەندى، كەڭ مەنىدىكى پۇل 13.6% M2 ئاشتى، بۇ تەڭشەش-تىزگىنلەش تەلىپىگە ئۇيغۇن.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر