باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات(13)

2014.03.14 09:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بازارلىشىشنى باشقۇرۇشنىڭ يېڭىلىنىشىنى ۋە مېخانىزم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. كەپە ئۆي رايونلىرىنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە تېز ئۆزگەرتىمىز، بىر تەرەپتە ئېگىز بىنالار قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان، يەنە بىر تەرەپتە كەپە ئۆيلەر تۇتىشىپ كەتكەن ئەھۋالنىڭ داۋاملىشىشىغا ھەرگىز يول قويمايمىز. دۆلەتنىڭ يېڭىچە بازارلىشىش يىرىك پىلانىنى يېتەكچى قىلىپ، ئالاقىدار يىرىك پىلاننى بىرتۇتاش جىپسىلاشتۇرۇشنى ياخشى تۇتىمىز. شەھەر ــ بازار قۇرۇلۇش يېرىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز، ئاممىۋى قاتناشنى ئاۋۋال تەرەققىي قىلدۇرىمىز، تارىخ ــ مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مەنزىرىنى قوغداپ، ھەممە شەھەر ئوخشاش بولۇپ قېلىش ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئالىمىز. كىچىك بازارلار ۋە كەنتلەرنى پىلانلاش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىمىز. يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە ئاھالىسىنى شەھەر ئاھالىسىگە ئايلاندۇرۇش تەننەرخىگە تەڭ ئىگە بولۇش، كۆپ مەنبەلىك شەھەر ــ بازار قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش جەھەتلەردە مېخانىزم بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىمىز. قۇرۇلۇش ۋە باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، بازارلىرىمىزنى ئۆزگىچە بولغان، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ۋە ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولغان قىلىمىز.

  )6( ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنىڭ ياخشىلىنىشى، يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈرۈلۈشىگە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تىرەك بولۇش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش. يېڭىلىق يارىتىش — ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش ۋە ياخشىلاشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. يېڭىلىق يارىتىشنى دۆلەت تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنىڭ يادرولۇق ئورنىغا قويۇپ، پەن ــ تېخنىكىنىڭ ئىقتىسادىيئىجتىمائىي تەرەققىيات بىلەن زىچ بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلىتىمىزدىكى كەسىپلەرنىڭ دۇنيا قىممەت زەنجىرىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىشىغا تۈرتكە بولۇش لازىم.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر