باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات(14)

2014.03.14 09:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پەن ــ تېخنىكا تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىمىز. كارخانىلارنىڭ تېخنىكا يېڭىلاشتىكى سۇبيېكتلىق ئورنىنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ تەتقىق قىلىپ يارىتىش ئاپپاراتى قۇرۇپ، كارخانا، مەكتەپ، تەتقىقات ئورنى بىرلەشكەن يېڭىلىق يارىتىش ئىتتىپاقىنى باشلامچىلىق بىلەن قۇرۇشىغا ئىلھام بېرىمىز. كارخانىلارنىڭ تەتقىق قىلىپ يارىتىش خىراجىتىنى قوشۇپ ھېسابلاپ تۇتۇپ قېلىشقا ئوخشاش ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تەدبىرىنى ئەتراپلىق ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. دۆلەتنىڭ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونلىرىنى پاي ھوقۇقى ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈش ئىسلاھاتى، پەن ــ تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى ۋە ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىش ھوقۇقى ئىسلاھاتىغا ئوخشاش ئىشلارنى نۇقتىدا سىناق قىلىش سىياسىتىنى تېخىمۇ كۆپ پەن ــ تېخنىكا رايونلىرىغا ۋە پەن ــ تېخنىكا ئورۇنلىرىغا كېڭەيتىمىز. ھۆكۈمەتنىڭ ئۇل تەتقىقات، ئالدىنقى تېخنىكا، جامائەت پاراۋانلىقى تېخنىكىسى، زور ئورتاق ئاچقۇچلۇق تېخنىكا سېلىنمىسىنى كۆپەيتىپ، ئىجتىمائىي جامائەت پەن ــ تېخنىكا مۇلازىمەت سۇپىسىنى ساغلاملاشتۇرۇپ، مۇھىم پەن ــ تېخنىكا مەخسۇس تۈرلىرىنى يولغا قويۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. پەن تەتقىقات تۈرلىرى ۋە مەبلىغىنى باشقۇرۇشنى ياخشىلاپ ۋە كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىشنى تەكشۈرۈش ۋە پەن ــ تېخنىكىنى دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ كارخانا قۇرۇشىغا ئىلھام بېرىمىز. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ۋە تەدبىقلاشنى كۈچەيتىپ، پەن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىگە ۋە ئىلمىي روھ قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىمىز. ئىختىساسلىقلارنى يېتىلدۈرۈش يىرىك پىلانىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، زور ئىختىساسلىقلار قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەتقىق قىلىپ يارىتىش خادىملىرىنىڭ ئىش ھەققىنى بازار نەتىجىسىگە باغلاش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشىغا ئىلھام بېرىپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ تۆھپىسى بىلەن ئېلىنمىسىنى ماسلاشتۇرۇپ، ھەر خىل ئىختىساسلىقلارنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا چىقىشىغا، ئىقتىدارىنى ئىشقا سېلىشىغا، رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىمىز. كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشتە، ئىسلاھاتقا تايىنىپ، ئىلگىرىلەش بىلەن چېكىنىشكە تەڭ ئېتىبار بېرىش يولىنى تۇتىمىز. ئىلگىرىلەش دېگىنىمىز تېخىمۇ ئاكتىپلىق بىلەن ئىشلەشنى كۆرسىتىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش مۇلازىمەتچىلىكىنى ئاۋۋال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مۇلازىمەتچىلىكنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات سىنىقى ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى ۋە لايىھەلەش مۇلازىمىتى بىلەن ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. سۇغۇرتا، سودا، پەن ــ تېخنىكا قاتارلىق مۇلازىمەتچىلىكنى تېز راۋاجلاندۇرىمىز. ئۇچۇرلاشتۇرۇش بىلەن سانائەتلەشتۈرۈشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، كارخانىلارنىڭ تېخنىكا ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، توغرا باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈسكۈنە ئامورتىزاتسىيەسىنى تېزلىتىشكە ئوخشاش سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرىمىز. گۈللەنمە كەسىپلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ــ يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىنى بەرپا قىلىپ، يېڭى ئەۋلاد كۆچمە خەۋەرلىشىش، توپلاشتۇرۇلغان ئېلېكتىر يولى، بۈيۈك مەلۇمات، ئىلغار ياسىمىچىلىق، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق جەھەتلەردە ئىلغارلارغا يېتىشىۋېلىپ ۋە ئىلغارلاردىن ئېشىپ چۈشۈپ، كەلگۈسى كەسىپ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىمىز. چېكىنىش دېگىنىمىز تېخىمۇ تەشەببۇسكار ۋە تەرتىپلىك بولۇشنى كۆرسىتىدۇ. بازار رىقابىتى ئارقىلىق ياخشىلىرىنى تاللاش، ناچارلىرىنى شاللاشتا چىڭ تۇرۇپ، كارخانىلارنى بىرلەشتۈرۈش ۋە قايتا تەشكىللەشكە ئىلھام بېرىمىز. ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقى ئېغىر بولغان ساھەلەردە مۇھىت ئاسراش، ئېنېرگىيە سەرپىياتى، تېخنىكا قاتارلىق ئۆلچەملەرنى چىڭىتىپ، ھەر خىل ئېتىبار سىياسەتلەرنى ئېنىقلاپ، بىر تۈركۈم ساقلانما مىقدارىنى سىڭدۈرۈپ، يېڭى كۆپەيمە مىقدارىنى قاتتىق تىزگىنلەيمىز. بۇ يىل 27 مىليون توننا پولات ــ تۆمۈر، 42 مىليون توننا سېمونت، 35 مىليون ئۆلچەملىك ساندۇق تەكشى ئەينەك ئىشلەپچىقىرىشقا ئوخشاش قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللاپ چىقىرىپ، 12 -بەش يىللىق يىرىك پىلاندىكى شاللاش ۋەزىپىسىنىڭ مۇددەتتىن بىر يىل ئىلگىرى ئورۇندىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، قىسقارتىش، ھەرگىز خېمىغا ياندۇرماسلىق تەلىپىنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرىمىز.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر