- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئايال ۋەكىللەرىڭ نىسبىتى داۋاملىق كۆپەيمەكتە
2014.03.13 16:32 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
گۇيجۇ ئۆلكىلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ۋەكىل لو نىڭ يېقىندا 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىنىڭ مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئېلىمىزدە ئاياللارنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش نىسبىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەلەپ قىلغان %30كە يەتمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىنكار قىلىشقا بولمايدىغىنى شۇكى، ئايال ۋەكىللەر ۋە ئەزالارنىڭ نىسبىتى كۆپەيمەكتە. 18-قۇرۇلتايدىكى ئايال ۋەكىللەرنىڭ نىسبىتى%2.9، 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدىكى ئايال ۋەكىللەرنىڭ نىسبىتى %2.07، مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئايال ئەزالىرىنىڭ نىسبىتى %0.18 ئاشتى.
ئىگىلىنىشىچە، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2932 ۋەكىلى ئىچىدە ئايال ۋەكىللەرنىڭ سانى ۋەكىللەر ئومۇمىي سانىنىڭ %23.4نى ئىگىلەپ، ئالدىنقى نۆۋەتلىككە قارىغاندا كۆرۈنەرلىك كۆپەيگەن شۇنداقلا بۇ جۇڭگو خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى تۇرغۇزۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نىسبەتكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر