- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات(7)
2014.03.14 09:31 مەنبە: خەلق تورى
پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ بازارلىشىشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە ئۆز ئالدىغا باھا بېكىتىش ھوقۇقىنى زورايتىمىز. خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ مۇۋاپىق تەكشى سەۋىيەدىكى ئاساسىي مۇقىملىقىنى ساقلاپ، پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ قوش يۆنىلىشلىك لەيلىمە ئارىلىقىنى كېڭەيتىپ، خەلق پۇلى كاپىتال تۈرىنىڭ ئايرىباشلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ئەلئارا كاپىتالدىن ئوتتۇرا، كىچىك بانكا قاتارلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى مۇقىم ئالغا سىلجىتىمىز. ئەلئارا كاپىتالنى پاي قوشۇشقا، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ۋاسىتىچى مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىغا مەبلەغ سېلىشقا يېتەكلەيمىز. ئامانەت پۇل سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ خەۋپ ـ خەتەرنى بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. سىياسەت خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىسلاھاتىنى يولغا قويىمىز. كۆپ قاتلاملىق كاپىتال بازىرىنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، پاي چېكى تارقىتىشنى رويخەتكە ئالدۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، زايوم بازىرىنى قېلىپلاشتۇرىمىز ۋە راۋاجلاندۇرىمىز. يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، ئېغىر ئاپەت خەۋپ ــ خەتەر سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىش ئۈسىتىدە ئىزدىنىمىز. ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلىسىنى راۋاجلاندۇرىمىز. ئالاقە تورى پۇل مۇئامىلىسىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز، پۇل مۇئامىلىسىنـى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنـى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمـىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كاپىتالنىڭ چېگـرا ھالقىپ ئايلىنىشىنى يېقىندىن نازارەت قىلىپ كۆزىتىپ، سىستېمىلىـق ۋە رايونلۇق پۇل مۇئامىلـە خەۋپ ــ خەتىرى يۈز بەرمەسلىكنىڭ ئاخىرقـى چېكـىنى ساقلايمىز. پۇل مۇئامىلىسـى خۇددى ئېقىن سۇدەك كىچىك، مىكرو كارخانىـلار، «يېزا ئىگىلىكـى، يېزا، دېھقانلار» قاتارلىق ئەمەلىـي ئىقتىسـاد دەرىخىنـى تېخىمـۇ ياخشى سۇغىرىپ كۆكەرتسـۇن. ھەر خىل مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرىمىز. ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز ۋە مۇكەممەللەشتۈرىمىز. دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ جايلىشىشى ۋە قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، ئارىلاشما مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، زامانىۋى كارخانا تۈزۈمى ۋە شىركەت تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسىنى بەرپا قىلىمىز ۋە مۇكەممەللەشتۈرىمىز. دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوخشاش بولمىغان دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ رولىنى توغرا بېكىتىپ، دۆلەت كاپىتالىنى مەبلەغ قىلىدىغـان تىجارەت شىركىتىنىـڭ سىنىقـىنى ئىلگىـرى سۈرىمىز. دۆلەت كاپىتالـى تىجارىتىنىـڭ خامچوتـىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەركـەز كارخانىلىرىنىـڭ دۆلەت كاپىتالـى تاپاۋىتىنـى جامائەت مالىيەسىگـە تاپشۇرۇش نىسبىتـىنى ئۆستۈرىمىز. دۆلەت ئىلكىـدە بولمىغـان كاپىتالنـى مەركەز كارخانىلىرىنىـڭ مەبلـەغ سېلىش تۈرلىرىگـە قاتنـاشتۇرۇش چارىسـىنى تۈزىمىز، پۇل مۇئامىلىسى، نېفىت، ئېلېكتىر قۇۋۋىتى، تۆمۈريول، تېلېگراف، بايلىق ئېچىش، جامائەت ئىشلىرى قاتارلىق ساھەلەردە دۆلەت ئىلكىـدە بولمىغان كاپىتال ئۈچۈن بىر تۈركۈم سېلىنما تۈرلىرىنى ئوتتۇرىغـا قويىمىز. ئومۇمىـي مۈلۈكچىلىكتىـكىدىن باشقا كارخانىلارنـى ئالاھىدە ئىجازەتلىـك تىجــارەت ساھەلىرىگـە كىرگۈزۈشنىـڭ كونكرېت چارىسـىنى تۈزىمىز. تۆمۈريـولغـا مەبلەغ سېلىـشمەبلەغ يۈرۈشـتۈرۈش تۈزۈلـمىسـى ئىسلاھاتـى يولـغا قويۇپ، تېخىمۇ كۆپ ساھەلـەردە رىقابەتلىـك كەسىپلـەرنى قويۇۋېتىپ، ئەلئـارا كاپىتالـغـا كارامىتىنـى كۆرسىتىدىغـان سەھـنە ھازىـرلاپ بېرىمىز. مۈلـۈك ھوقۇقىنى قوغـداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنىـڭ مۈلـۈك ھوقۇقىنى دەخلىسىـز قىلىمىز، ئومۇمىـي مۈلۈكچىلىكتىكىـدىن باشقـا ئىگىلىـكنىـڭ مۈلۈك ھوقۇقىنىمۇ ئوخشاشـلا دەخلىسىـز قىلىمىز.
)2( ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش. ئېچىۋېتىش بىلەن ئىسلاھات بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، بىر ـ بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئوچۇق ئىقتىسادنىڭ يېڭى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇپ، بىپايان خەلقئارا بازار ئوكيانىدا بوران ــ چاپقۇن بىلەن ئېلىشىپ، چوڭقۇر قاتلاملىق ئىسلاھاتنى ۋە قۇرۇلما تەڭشەشنى تەتۈر قىستاپ، خەلقئارا رىقابەتتىكى يېڭى ئۈستۈنلۈكنى تېز يېتىلدۈرۈش لازىم. ھەر تەرەپلىمە تەشەببۇسكارانە ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىمىز. چەت ئەل مەبلىغىدىن پائال، ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇلازىمەتچىلىكنىڭ كەڭ ئېچىۋېتىلىشىگە تۈرتكە بولۇش، ئىچكى ــ تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدىغان، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان تىجارەت مۇھىتىنى يارىتىش ئارقىلىق، جۇڭگونى چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىشتا ھەممىدىن ئاۋۋال تاللايدىغان جايغا داۋاملىق ئايلاندۇرىمىز. جۇڭگو شاڭخەي ئەركىن سودا تەجرىبە رايونىنى ياخشى قۇرۇپ، ياخشى باشقۇرۇپ، تەقلىد قىلغىلى ۋە ئومۇملاشتۇرغىلى بولىدىغان تۈزۈلمە ــ مېخانىزمنى شەكىللەندۈرىمىز ھەم بەزى يېڭى سىناقلارنى ئېلىپ بارىمىز. ئىچكى قۇرۇقلۇقنىڭ چېگرا بويىنى ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، كەڭ زېمىننى ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ مۇنبەت زېمىنىغا ئايلاندۇرىمىز. ئېكسپورت دەرىجىسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى ۋە سودىنىڭ تەڭپۇڭ راۋاجلىنىشىنى ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتىن ئىلگىرى سۈرىمىز. بۇ يىل ئىمپورت ــ ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىنىڭ 7.5% ئەتراپىدا ئېشىشى مۆلچەرلەندى. ئېكسپورت سىياسىتىنى مۇقىملاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تاموژنىدىن ئۆتۈشنى قولايلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا سىنىقىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك. ئىمپورتقا ئىلھام بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، مەملىكەت ئىچىدە قىس مەھسۇلاتلارنىڭ ئىمپورتىنى ئاشۇرىمىز. پىششىقلاش سودىسىنى تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجە ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەپ، كارخانىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا كۇرسلۇق مەھسۇلات يارىتىشى ۋە خەلقئارا ماركىتىڭ تورى ئېچىشىغا مەدەت بېرىپ، مۇلازىمەت سودىسىنى راۋاجلاندۇرۇپ ۋە سىرتتىن مۇلازىمەت ھۆددىگە ئېلىپ، جۇڭگودا ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنىڭ خەلقئارا ئىش تەقسىماتىدىكى ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرىمىز. خەۋەرلىشىش، تۆمۈريول، ئېلېكتىر ئىستانسىسى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى يۈرۈشلۈك ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئېكسپورتىغا ئىلھام بېرىپ، جۇڭگو جابدۇقلىرىنى پۈتۈن دۇنياغا تونۇتىمىز.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر