باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات(12)

2014.03.14 09:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   )5( ئادەم يادرو قىلىنغان يېڭىچە بازارلىشىشنى ئالغا سىلجىتىش. بازارلىشىش — زامانىۋىلىشىشنىڭ مۇقەررەر يولى، شۇنداقلا شەھەر ــ يېزا ئىككى مەنبەلىك قۇرۇلمىسىنى تۈگىتىشنىڭ مۇھىم تايانچى. شەھەر ــ يېزا تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈزۈلمە ــ مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بازارلاشتۇرۇشنىڭ ئادەمنى ئاساس قىلىدىغان، يېڭىچە سانائەتلىشىشنى، ئۇچۇرلىشىشنى، بازارلىشىشنى يېزا ئىگىلىكىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تەڭ ئېلىپ بارىدىغان، جايلىشىشنى ياخشىلايدىغان، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىگە ئىگە بولغان، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىدىغان يېڭىچە يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، ئاكتىپلىق ۋە سالماقلىق بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، سۈپەتنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك. بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، ھازىرقى «ئۈچ 100 مىليون ئادەم» مەسىلىسىنى نۇقتىلىق ياخشى ھەل قىلىمىز، يەنى تەخمىنەن 100 مىليون يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە ئاھالىسىنىڭ شەھەر ــ بازاردا نوپۇسقا ئېلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز، شەھەر ــ بازارلاردىكى تەخمىنەن 100 مىليون كىشى تۇرۇشلۇق كەپە ئۆي مەھەللىسىنى ۋە شەھەر ئىچىدىكى كەنتلەرنى ئۆزگەرتىمىز، تەخمىنەن 100 مىليون ئادەم ئولتۇراقلاشقان ئوتتۇرا، غەربىي رايونلارنىڭ يېقىن جايدا بازارلىشىشىغا يېتەكچىلىك قىلىمىز. يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە ئاھالىسىنىڭ شەھەر ئاھالىسىگە ئايلىنىشىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىمىز. نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئوخشاش بولمىغان كۆلەمدىكى شەھەرلەردە پەرقلىق نوپۇسقا ئېلىش سىياسىتىنى يولغا قويىمىز. ئىقتىدارى بولغان، ئۆزى خالايدىغان ۋە ئۇزاقتىن بېرى شەھەر ــ بازاردا ئىشلەپ، تىجارەت قىلىپ كەلگەن دېھقان ئىشلەمچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى پەيدىنپەي شەھەر ــ بازار ئاھالىسىگە ئايلاندۇرىمىز. تېخى نوپۇسقا ئېلىنمىغان يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە نوپۇسى ئۈچۈن تۇرۇش كىنىشكىسى تۈزۈمى ئورنىتىمىز. شەھەرگە كىرىپ ئىشلەمچىلىك قىلغانلاردىن تېخىمۇ كۆپلىرىنىڭ بىللە كۆچۈپ كەلگەن پەرزەنتلىرىنى شەھەر ــ بازار مائارىپى دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، باشقا جايدا يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ كەسپىي ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش پىلانىنى يولغا قويىمىز. شەھەر ــ بازار ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ دائىملىق نوپۇسنى تولۇق قاپلىشىنى مۇقىم ئالغا سىلجىتىمىز، بۇنىڭ بىلەن يېزا ئىگىلىك ئاھالىسى شەھەرنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى بىرلىكتە يارىتىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن بىرلىكتە بەھرىمەن بولىدۇ. ئوتتۇرا ــ غەربىي رايونلارنىڭ يېڭىچە بازارلىشىشىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز. كەسىپنىڭ تەرەققىيات ئىقتىدارى ۋە ئادەم توپلاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە ئاھالىسىنىڭ يېقىن ئەتراپتا كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. قاتناش، سۇچىلىق، ئېنېرگىيە، شەھەر مەمۇرىيىتى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلاردىكى شەھەر توپلىرىنىڭ ۋە بازارلارنىڭ زاپاس كۈچىنى ئاشۇرىمىز. شەرقىي رايونلارنىڭ بازار قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، بازارلىشىش سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى تېخىمۇ ئۆستۈرىمىز.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر