باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات(23)

2014.03.14 09:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت مۇداپىئە ئىسلاھاتى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيە يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، زامانىۋى ھەربىي كۈچ سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكى ۋە زاپاس كۈچ قۇرۇلۇشى، دائىمىي ئۇرۇش تەييارلىقى ۋە چېگرا مۇداپىئەسى، دېڭىز مۇداپىئەسى، ھاۋا مۇداپىئەسىنى باشقۇرۇش ــ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىمىز. ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىمىز. زامانىۋى قوراللىق ساقچى قىسىم كۈچى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز. خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ــ مۇقىملىقنى ساقلاش، تىنچلىقنى قوغداش، سۇ تىرانسپورتىنى قوغداش، تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئوخشاش ۋەزىپىلەرنى قەتئىي ئورۇنلاپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىش ۋە ياردەم بېرىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا بۇرۇنقىدەك كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە مەدەت بېرىپ، بېلىق بىلەن سۇدەك يېقىن دوستلۇقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلق ئىتتىپاقلىقىنى ئۇيۇلتاشتەك چىڭىتىش لازىم. ۋەكىللەر! بىز «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» فاڭجېنىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، نېگىزلىك قانۇننى ئومۇميۈزلۈك توغرا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شياڭگاڭنىڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئاۋاتلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلايمىز. شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى باش مەمۇرىنىڭ ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشىنى، ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى ئۈنۈملۈك ياخشىلىشى، دېموكراتىيەنى قانۇن بويىچە ئىلگىرى سۈرۈشى، جەمئىيەت ئىناقلىقىنى قوغدىشىنى قوللايمىز. ئىچكى رايونلار بىلەن شياڭگاڭ ــ ئاۋمېننىڭ ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ كېڭەيتىپ، شياڭگاڭ ــ ئاۋمېننىڭ رىقابەت ئىقتىدارىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. دۆلەتنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ۋە زامانىۋىلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا، شياڭگاڭ، ئاۋمېن چوقۇم تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتقا ئېرىشىدۇ.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر