باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قاتناش مىنىستىرلىقى تۈزۈلۈشى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى

2014.03.14 08:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا جۇڭگو قاتناش ترانسپورت مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: ھازىر قاتناش ترانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە ئاپپارات شتاتىنى تەڭشەش ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلىيلەشتى. بۇنىڭ بىلەن قاتناش ترانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ دۆلەتلىك تۆمۈر يول ئىدارىسى، جۇڭگو خەلق ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسى، دۆلەتلىك پوچتا ئىدارىسىنى مەسئۇل بولۇپ باشقۇرۇش قېلىپى شەكىللەندى.

  چوڭ تارماق تۈزۈمى ئىسلاھات تەلىپى بويىچە،يېڭىدىن قۇرۇلغان قاتناش تىرانسىپورت مىنىستىرلىقى ئۇنىۋېرسال قاتناش تىرانسىپورت ئىستراتېگىيىسى، سىياسىتى، قانۇن تۈزۈم لايىھىسى، ئۆلچىمىنى تەشكىللەپ تۈزۈش قاتارلىق مەسئۇلىيەت ۋە ئۇنىۋېرسال قاتناش تىرانسىپورت سىستېمىسىنى پىلانلاش ۋە تۆمۈر يول، تاشيول، سۇ يولى،خەلق ئاۋىئاتسىيىسى ۋە پوچتا پىلانىنى بىر تۇتاش پىلانلاش ۋە تەڭپۇڭلاشتۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار بولۇپ، تۈرلۈك قاتناش تىرانسىپورت شەكلىنى ئۈنۈملۈك باغلاش ۋە مۇلازىمەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  جىددىي بىر تەرەپ قىلىش جەھەتتە، قاتناش تىرانسىپورت مىنىستىرلىقى دۆلەتنىڭ دېڭىزدا نېفىت ئېقىپ كېتىشنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش لايىھىسىنى تۈزۈشكە باشلامچى بولۇپ تەشكىللەيدۇ. دېڭىزدا نېفىت ئېقىپ كېتىشنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىشنى ئۈستىگە ئېلىش، ماسلاشتۇرۇش،قوماندانلىق قىلىشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئۇستىگە ئالىدۇ. دۆلەت تاشيول تورى قاتنىشىنى نازارەت قىلىش ۋە جىددىي بىر تەرەپ قىلىشنى ماسلاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىدۇ.

  نازارەت قىلىشنى باشقۇرۇش جەھەتتە،قاتناش تىرانسىپورت مىنىستىرلىقى قاتناش تىرانسىپورت ھەرىكەت ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەھلىل قىلىش، ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ. تاشيول ،سۇ يولىدىن ئىبارەت دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق ئاساسىي قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ ئۈنۈمىنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. قاتناش تىرانسىپورت مىنىستىرلىقىنىڭ تىجارەت خاراكتېرلىق ماتورلۇق ئاپتوموبىللارنىڭ بىخەتەرلىك ئۆلچىمىنى تۈزۈش، تىجارەت ئاپتوموبىللىرى ئۇنۋېرىسال ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش باشقۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى براك قىلىش سىياسىتى، ئۆلچىمىنى بېكىتىش خىزمەتلەرگە قاتنىشىش يېڭى مەسئۇلىيىتى كۈچەيتىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر