باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات(25)

2014.03.14 09:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ۋەكىللەر!

  بۇ يىل — تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى. جۇڭگو خەلقى تىنچلىقنى قىزغىن سۆيىدۇ، تەرەققىياتنى ئارزۇ قىلىدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىم خەلقئارا مۇھىتقا مۇھتاج. بىز تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىش بايرىقىنى داۋاملىق ئېگىز كۆتۈرۈپ، تىنچ تەرەققىيات يولىدا باشتىن ــ ئاخىر ئېغىشماي مېڭىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ــ تەڭ پايدا ئېلىش ئاساسىدىكى ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى باشتىن ــ ئاخىر ئېغىشماي يولغا قويىمىز. دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايمىز، پۇقرالىرىمىزنىڭ ۋە قانۇنىي ئىگىلىرىمىزنىڭ چەت ئەلدىكى قانۇنلۇق ھوقۇق ـــ مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغدايمىز. ئەتراپ دىپلوماتىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىناق قوشنىدارچىلىق ــ دوستلۇقنى مۇستەھكەملەپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. 2 ــ دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە مېۋىسىنى ۋە ئۇرۇشتىن كېيىنكى خەلقئارا تەرتىپنى قوغداپ، تارىخ چاقىنى كەينىگە ياندۇرۇشقا ھەرگىز يول قويمايمىز. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى ياخشى قوغدايمىز. ھەرقايسى چوڭ دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك سۆھبەت ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇزاق مۇددەتلىك، مۇقىم، ساغلام چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ئاسىيا ــ تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ غەيرىي رەسمىي يىغىنىنى ياخشى ئۆتكۈزىمىز. جۇڭگو — مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت، بىز خەلقئارا، كۆپ تەرەپلىك ئىشلارغا پائال قاتنىشىپ، دۇنياۋى مەسىلىلەرنى ۋە قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا ئىجابىي رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقىنى ھەقىقىي قوغداپ، خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىمىز. جۇڭگو دۇنيادىكى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، ئىنسانىيەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئورتاق تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى خالايدۇ.

  ۋەكىللەر! خەلق بىزگە مۇھىم تاپشۇرۇق تاپشۇردى، كۈرەش كەلگۈسىنى يارىتىدۇ. يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، خىزمەتنى پۇختا ئىشلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، باي ــ قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، سوتسىيالىستىك زامانىۋى دۆلەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى!

  
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر