باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى دوكلاتقا قاراپ چىقىش داۋامىدا ئىجابىي تەكلىپ پىكىرلەرنى بەردى

2014.03.14 08:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى قاراپ چىقىش داۋامىدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەرەققىياتتىكى يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ ئىجابىي تەكلىپ پىكىرلەرنى بەردى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سۇ روڭ جياڭشى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت، ئىنتايىن ئېغىر ئىسلاھات تەرەققىيات مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى،دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى نەزىرىنى يىراققا تىكىپ، يول كۆرسىتىپ، كەسكىن تەدبىر قوللاندى. ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش،ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بىر تۇتاش پىلانلىدى. ئىقتىسادنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىي قىلىشىنىڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى ساقلىدى. خەلق تۇرمۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى ۋە ياخشىلىدى. ئىستىل قۇرۇلۇشى، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلى، جەمئىيەت ئىستىلىنىڭ يېڭىلىنىشىنى چىڭ تۇتتى. خەلقئارادىكى تەسىر كۈچ ۋە خەلقئارادىكى شۆھرىتى يەنىمۇ ئۆستى. خېنەن،چىڭخەي،خېيلوڭجياڭ ۋە گەنسۇ ۋەكىللىرى ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىش،كىرىمنى كۆپەيتىش ئۈستىدە بىر يۈرۈش تەكلىپلەرنى بەردى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى،دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جېڭۋېي نىڭشيا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: ئېلىمىزنىڭ غەربىي رايونى، مىللىي رايونلىرى،نامرات رايونلار تەرەققىياتىنىڭ شەرقىي رايونلار بىلەن بولغان پەرقى ئىنتايىن زور.دۆلەت تۆمۈر يول،تاشيول، ئايرودروم قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىغا ئىتتىبار بەرسە. ئۆز يېرىنىڭ ئالاھىدىلىكى بويىچە ئىش كۆرۈپ، نامراتلارنى يۆلەشكە ئېنىق ئۆلچەم بېكىتىپ، مىللىي رايونلارنىڭ ئۆزگىچە تەرەققىيات يولىنى قوللاپ،ئۆزىنى كۈچەيتىش ئىقتىدارى كۈچەيتىلسە. ئاممىۋى مۇلازىمەت، مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش،ئىجتىمائىي كاپالەت،تۇرالغۇ ئۆي قاتارلىق پۇقرالار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە قارىتا يۆلەش سالمىقى زورايتىلسا. گۇاڭشى، يۈننەن، سەنشى،خۇنەن ۋەكىللىرى مۇنداق دەپ قارىدى: يەنىمۇ ياخشى شارائىت يارىتىپ، ئىسلاھات ئىجابىي كۈچىنى مۇجەسسەملەش لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر