باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات(11)

2014.03.14 09:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېزا ئىسلاھاتىنى پائال ئالغا سىلجىتىمىز. يېزىلارنىڭ ئاساسىي ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېھقانلارغا تېخىمۇ كۆپ مال ــ مۈلۈك ھوقۇقى بېرىمىز. يېزىلارنىڭ يەر ھۆددە ئېلىش مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاققىچە ئۆزگەرتىلمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى ۋە يېزىلارنىڭ كوللېكتىپ قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، تىزىملاش، گۇۋاھنامە تارقىتىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنىڭ تەرتىپلىك ئوبوروتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، يېزا يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ سىنىقىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن پۇختا ئېلىپ بارىمىز. ئائىلە ئىگىلىكىنىڭ ئۇللۇق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، كەسپىي چوڭ ئائىلە، ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى، دېھقانلار كوپىراتىپى، يېزا ئىگىلىك كارخانىسى قاتارلىق يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتىنى يېتىلدۈرۈپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرىمىز. يېڭىچە كەسپىي دېھقانلارنى يېتىلدۈرىمىز. كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. دۆلەت ئىلكىدىكى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ئورمانچىلىق مەيدانلىرىنىڭ ئىسلاھاتىنى تېزلىتىمىز. يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەمىنات ــ سودا كوپىراتىپىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات سىنىقىنى ئالغا سىلجىتىمىز. يېزا ئىسلاھاتىدا ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىپ، سىناق نۇقتىسىدا ئاۋۋال يولغا قويۇپ، دېھقانلارنىڭ ئارزۇسىغا ھەقىقىي ھۆرمەت قىلىپ، دېھقانلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق ــ مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداش لازىم. نامراتلارنى يۆلەش ــ روناق تاپقۇزۇش ئۇسۇلىنى يېڭىلايمىز. قىيىنچىلىقى ئېغىر تۇتاش رايونلارنىڭ رايون تەرەققىياتى بىلەن نامراتلارنى يۆلەش جېڭىنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز، دۆلەت رايون ھالقىغان زور ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىققا قارىتىلغان مەدەتكارلىقنى ئاشۇرۇپ، ئېكولوگىيە مۇھاپىزىتى ۋە ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىدۇ. جايلار نامراتلارنى يۆلەش بايلىقىنى ياخشىلاپ ۋە بىرىكتۈرۈپ، نامراتلارنى توغرا يۆلەش يولىنى تۇتۇپ، نامراتلارنى يۆلەشنىڭ كەنتلەرگىچە، ئائىلىلەرگىچە ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئىجتىمائىي كۈچلەرنى نامراتلارنى يۆلەش ئىشلىرىغا قاتنىشىشقا يېتەكلەش لازىم. بۇ يىل يېزىلاردا يەنە 10 مىليوندىن كۆپرەك نامرات ئاھالە ئازايتىلىدۇ. بىز نامراتلىققا قارشى داۋاملىق جەڭ ئېلان قىلىپ، نامراتلىقنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشىغا قەتئىي يول قويماسلىقىمىز لازىم.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر