باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات(17)

2014.03.14 09:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىشقا ئورۇنلىشىش — خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە تېخىمۇ ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ئىگىلىك تىكلەشكە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرىمىز. بۇ يىل 7 مىليون 270 مىڭ ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدۇ، شۇڭا تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى تېپىپ، ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ، ئىستۇدېنتلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. شەھەر ــ بازارلاردىكى ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىينىلىپ قالغانلارغا ياردەم بېرىش، يار ــ يۆلەك بولۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، «ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق» ئائىلىدە ئاز دېگەندە بىر كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز. قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللاپ چىقىرىش جەريانىدا ئىشچى ــ خىزمەتچىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز. يېزا يۆتكەلمە ئەمگەك كۈچلىرى، سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر قاتارلىقلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلايمىز. تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەمگەكچىلەرنى تېخىمۇ ئىززەت ــ ئابرۇي، تېخىمۇ غۇرۇر بىلەن ياشايدىغان قىلىمىز.

  كىرىم — خەلق تۇرمۇشىنىڭ مەنبەسى. كىرىم تەقسىمات تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كىرىم پەرقىنى تىرىشىپ كىچىكلىتىش لازىم. كارخانا ئىشچى ــ خىزمەتچىلىرىنىڭ مائاشىنى بەلگىلەش ۋە نورمال ئۆستۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مائاشنى كوللېكتىپ كېڭىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىناق ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىمىز. دۆلەت كارخانىلىرى مەسئۇلىنىڭ ئىش ھەققىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىمىز ۋە ياخشىلايمىز. ئورگانلار، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ مائاش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، كەسپىي ئورۇنلاردا ئۈنۈم مائاشىنى تەدرىجىي يولغا قويۇپ، تېببىي خادىم قاتارلىقلارنىڭ ساھە ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان مائاش تۈزۈمىنى ساغلاملاشتۇرۇپ، جاپالىق، چەت، يىراق رايونلارنىڭ ياردەم پۇلىنى ئۆستۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. كىرىمى تۆۋەنلەرنىڭ كىرىمىنى كۆپ خىل يوللار بىلەن كۆپەيتىمىز. ئوتتۇرا ھال كىرىملىكلەرنىڭ سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىمىز. شەھەر ــ يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى ئىقتىساد بىلەن تەڭ ئاشۇرۇپ، كەڭ خەلق ئاممىسىغا ئەمەلىي مەنپەئەتتىن بەھرىمەن بولغانلىقىنى ئومۇميۈزلۈك ھېس قىلدۇرىمىز.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر