- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات(21)
2014.03.14 09:31 مەنبە: خەلق تورى
ۋەكىللەر! ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ ئىسلاھاتى، قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش شەرت. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش تەلىپى بويىچە، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت، ئىجادچان ھۆكۈمەت، پاك ھۆكۈمەت قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىجرا كۈچى ۋە ئىناۋىتىنى ئاشۇرۇپ، خەلققە سۈپەتلىك، ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك. دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئاساسىي تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن ئىدارە قىلىش يولىغا سېلىپ، مەسئۇلىيەتنى قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى ۋە ئۇسۇلى بىلەن ئادا قىلىمىز. ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنچىلىق خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىمىز. ھۆكۈمەت باشقۇرۇش ئىدىيەسى ۋە ئۇسۇلىنى يېڭىلاپ، تەدبىر بەلگىلەش، ئىجرا قىلىش، نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ جەمئىيەتتىن مۇلازىمەت سېتىۋېلىش ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىمىز. مەمۇرلار قوشۇنىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەمۇرلارنىڭ ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىمىز. بارلىق مەمۇرلار خەلق مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىپ، خىزمەتتە ھەقىقىي پاك ـ دىيانەتلىك بولۇپ، مەسئۇلىيىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئادا قىلىدىغان ياخشى خەلق چاكىرى بولۇشى لازىم.
ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئىقتىسادچىللىقنى قاتتىق يولغا قويۇپ، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇشى، غورىگىل كۈن ئۆتكۈزۈشى شەرت. قائىدە ـ تۈزۈمنى قاتتىق ئىجرا قىلىش لازىم: ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك ھەشەمەتلىك ئىمارەتلەرنى يېڭىدىن سېلىشقا، ئۆزگەرتىپ، كېڭەيتىپ سېلىشقا بىردەك رۇخسەت قىلىنمايدۇ، مالىيە باقىدىغان خادىملارنىڭ سانىنى ئازايتىشقىلا بولىدۇكى، كۆپەيتىشكە بولمايدۇ، ئۈچ خىل ھۆكۈمەت خىراجىتىنى ئازايتىشقا بولىدۇكى، كۆپەيتىشكە بولمايدۇ. ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى تۈزۈمى ئىسلاھاتى باشلىنىدۇ. مەمۇرىي تەپتىشلىكنى كۈچەيتىپ، ساھە ناتوغرا ئىستىلىنى تۈزىتىمىز. ئىقتىسادىي تەپتىشلىكنى ۋە ئىقتىسادىي تەپتىشلىك نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز. بۇ يىل يەرنى ھەقلىق بېرىش سوممىسىنىڭ كىرىم ـ چىقىمى ۋە تېرىلغۇ يەرنى قوغداش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش لازىم. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، چىرىكلىشىش دېلولىرىنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىمىز، چىرىكلەشكەن ھەرقانداق ئۇنسۇر قانۇن بويىچە قاتتىق جازالىنىدۇ، مۇتلەق مەيلىگە قويۇپ بېرىلمەيدۇ.
ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر تەڭ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ دېموكراتىك نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ، دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلارنىڭ، سودا ــ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ، پارتىيە ـ گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ ۋە خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ پىكرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىشى لازىم. ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاخبارات باياناتچىسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىشلارغا ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەك. ھۆكۈمىتىمىز — خەلقنىڭ ھۆكۈمىتى، ھەممە خىزمەتتە خەلقنىڭ ئارزۇسىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈشىمىز، خەلقنىڭ نازارىتىنى ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر