باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2013-يىلى، سانجى ئوبلاستىدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمى شىنجاڭ بويىچە ئەڭ يۇقىرى بولدى

2014.03.14 08:49         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈش ماتېرىيالىغا قارىغاندا ، 2013-يىلى پۈتۈن شىنجاڭ شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 19 مىڭ 874 يۈەنگە يېتىپ ، مەملىكەتلىك ئوتتۇرىچە سەۋىيەنىڭ % 74 ىگە ، دېھقان ئاممىسىنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 7296 يۈەنگە يېتىپ ، مەملىكەتلىك ئوتتۇرىچە سەۋىيەنىڭ %82 ىگە باراۋەر بولغان .

  پۈتۈن شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت ، شەھەر ئىچىدە (شىخەنزىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) ، يەتتە ۋىلايەت ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە سەۋىيەسى ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئېشىپ كەتكەن . ئوتتۇرىچە كىرىم سەۋىيەسى ئىچىدە ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىدە تۇرىدىغىنى قاراماي ، ئۈرۈمچى ۋە قومۇل ۋىلايىتىدىن ئىبارەت بولۇپ ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا 25 مىڭ 249 يۈەن ، 21 مىڭ 304 يۈەن ۋە 20 مىڭ 865 يۈەن بولغان . ئىگىلىنىشىچە ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى شەھەر-بازار ئاھالىلىرى ئىلىكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم ئىچىدە ئەڭ يۇقىرىسى بىلەن ئەڭ تۆۋىنىنىڭ پەرقى 9795 يۈەن ئىكەن .

  پۈتۈن شىنجاڭدىكى 13 ۋىلايەت-ئوبلاست ، شەھەر ئىچىدە (قاراماي، شىخەنزىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) توققۇز ۋىلايەت-ئوبلاست ، شەھەردىكى دېھقانلارنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولغان. ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندىكى سانجى ئوبلاستى ، ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە بايىنغۇلىن ئوبلاستىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 13 مىڭ 14 يۈەن ، 11 مىڭ 496 يۈەن ، 11 مىڭ 239 يۈەن بولغان .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر