باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات(6)

2014.03.14 09:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈچىنچى، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، دەرىجىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە كۈچەپ، خەلق تۇرمۇشىنى داۋاملىق ياخشىلاش كېرەك. بىز قوغلىشىدىغان تەرەققىيات — سۈپەت، ئۈنۈم ئۆستۈرۈلىدىغان، تىپنىڭ ئۆزگىرىشى، دەرىجىنىڭ ئۆسۈشى ئىلگىرى سۈرۈلىدىغان، خەلقنىڭ تۇرمۇشى ياخشىلىنىدىغان تەرەققىيات. ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەرەققىياتنىڭ ئاساسەن ئامىل سېلىنمىسىغا تايىنىشتىن يېڭىلىق يارىتىش تۈرتكىسىگە تېخىمۇ كۆپرەك تايىنىدىغان بولۇشىغا، ئاساسەن ئەنئەنىۋى سېلىشتۇرما ئەۋزەللىككە تايىنىشتىن ئۇنىۋېرسال رىقابەت ئۈستۈنلۈكىنى تېخىمۇ كۆپرەك جارى قىلدۇرىدىغان بولۇشىغا، خەلقئارا كەسىپ ئىش تەقسىماتىنىڭ ئوتتۇرا تۆۋەن دەرىجىدىن ئوتتۇرا، يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈرۈلۈشىگە، شەھەر-يېزىلارنىڭ رايون تەڭپۇڭسىزلىقىدىن باراۋەر، تەڭكەش تەرەققىيات يولىغا بۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. نەتىجە سىناش ــ باھالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر جەھەتتىكى ئاكتىپلىقنى ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى تېزلىتىپ، ئىلمىي تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەرەپكە ھەقىقىي رەۋىشتە يېتەكلەپ، ئىش ئورنى ۋە ئاھالە كىرىمىنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، ئىقتىسادىي ــ ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ سىجىل داۋاملاشتۇرۇش لازىم.〖LM〗 3.

  2014- يىللىق نۇقتىلىق خىزمەت
   بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى تۈپ مەقسەت قىلىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك. )1( مۇھىم ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش. ئىسلاھات — بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى. ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئەھۋالنى پەرقلەندۈرۈپ، تۈرگە ئايرىپ ئالغا سىلجىتىپ، بىرى ئارقىلىق ھەممىگە تەسىر كۆرسىتىش تەدبىرىنى ياخشى تۇتۇپ، ماھىيەتلىك نەتىجە قازىنىشقا تىرىشىپ، ئىسلاھاتتىن تېخىمۇ كۆپ پايدا ئېلىش لازىم. مەمۇرىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك. مەمۇرىي ئورگانلارنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىمىز، بۇ — ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزى ئۈستىدىكى ئىنقىلاب، بۇ يىل مەمۇرىي تەستىقنىڭ 200 دىن ئارتۇق تۈرنى يەنە ئەمەلدىن قالدۇرىمىز ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىمىز. مەبلەغ سېلىشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالدىن تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ياكى ئاددىيلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا مەبلەغ سېلىش ھوقۇقىنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەبلەغ سېلىش، ئىگىلىك تىكلەشنىڭ قولايلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ھەقىقەتەن تەسىس قىلىشقا توغرا كېلىدىغان مەمۇرىي تەستىق ئىشلىرىدا ھوقۇق تىزىملىكى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، جەمئىيەتكە بىردەك ئاشكارىلاش لازىم. تىزىملىك سىرتىدىكىلەردە بىردەك تەكشۈرۈپ تەستىقلاش يولىنى تۇتمايمىز. مەمۇرىي تەستىق دائىرىسىگە كىرمەيدىغان ئىشلارنى ئەتراپلىق ئېنىقلايمىز. ئۆلكىلىك، شەھەرلىك، ناھىيەلىك ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملايمىز، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىسلاھاتىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىمىز. مەملىكەت بويىچە سودا ــ سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش بويىچە تىزىملاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، تاپشۇرۇش ئېتىراپ قىلىنغىنى بويىچە تىزىملاش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئاۋۋال ئىجازەتنامە، كېيىن كىنىشكا بېرىش»نى «ئاۋۋال كىنىشكا، كېيىن ئىجازەتنامە بېرىش»كە، كارخانىلارنىڭ يىللىق تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى يىللىق مەلۇماتنى ئېلان قىلىش تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتىمىز. ئىش داۋامىدا ۋە ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىمىز. قويۇۋېتىش بىلەن باشقۇرۇشقا تەڭ ئېتىبار بېرىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، گىرەلەشمە ھەمتۈرتكە بولۇش ۋە ھەمكارلىشىپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، مەسئۇلىيەت بىلەن ھوقۇقنى تەڭ قەدەمدە تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز، جانلاندۇرۇش بىلەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى تەڭ قەدەمدە ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. بىر جايدا تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، بىر كۆزنەكتە ئىش بېجىرىشنى ئومۇملاشتۇرۇپ، بازارنى بىرتۇتاش نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش يولىنى تۇتۇش ئۈستىدە ئىزدىنىمىز. ئىجتىمائىي ئىناۋەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىدىن ئورتاق بەھرىمان بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەبىئىي ئىگە ۋە قانۇنىي ئىگە بىرتۇتاش كودىنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، بازاردا رىقابەتلىشىش پىرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلغان ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق ــ مەنپەئىتىگە زىيان سالغان كارخانىلارغا قارىتىلغان قارا تىزىملىك تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلغانلارنىڭ يولى راۋانلاشتۇرىمىز. مالىيە-باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىدىن ئىبارەت ئاساسلىق مەزمۇننى ئوبدان تۇتىمىز. ئەتراپلىق قېلىپلاشقان، ئاشكارا، ئوچۇق بولغان خامچوت تۈزۈمىنى يولغا قويىمىز. ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك بارلىق كىرىمنى خامچوتقا كىرگۈزۈش، ئومۇمىي خامچوت بويىچە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇشتا تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خامچوتىنىمۇ، نەق چوتىنىمۇ جەمئىيەتكە ئاشكارىلاش لازىم، تارماق خامچوتىنى ئاساسىي چىقىم ۋە تۈر چىقىمىغىچە پەيدىنپەي ئاشكارىلاش، مالىيەدىن پۇل ئاجرىتىدىغان بارلىق «ئۈچ خىل ھۆكۈمەت» خىراجىتىنى ئاشكارىلاش كېرەك، ئامما چۈشىنەلەيدىغان، نازارەت قىلالايدىغان ئوچۇق-ئاشكارا مالىيەنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش كېرەك. ئادەتتىكى يۆتكىمە چىقىم نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، مەخسۇس يۆتكىمە چىقىم تۈرلىرىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئازايتىمىز، بۇنىڭدىن كېيىن يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئازايتىمىز. باج تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش سىنىقىنى تۆمۈريول تىرانسپورتى، پوچتا مۇلازىمىتى-تېلېگراف قاتارلىق ساھەلەرگىچە كېڭەيتىمىز، ھەقنى ئېنىقلاپ، باج تەسىس قىلىپ، ئىستېمال بېجى، بايلىق بېجى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز، ئۆي ــ زېمىن بېجى، مۇھىت ئاسراش بېجى توغرىسىدا قانۇن چىقىرىشقا ئالاقىدار خىزمەتنى ياخشى ئىشلەيمىز. كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا باجدا ئېتىبار بېرىش دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، كارخانىلارنىڭ سېلىقىنى يەڭگىللىتىمىز. مەركەز بىلەن جايلارنىڭ ئىش ھوقۇقى ۋە چىقىم مەسئۇلىيىتىنى تەڭشەشنى چىڭ تۇتۇپ مۇھاكىمە قىلىپ، مەركەز بىلەن جايلار كىرىمىنىڭ ئايرىلىشىنى پەيدىنپەي راۋانلاشتۇرۇلۇپ، ھازىرقى مالىيە كۈچى قۇرۇلمىسىنىڭ ئومۇمىي مۇقىملىقىنى ساقلايمىز. يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قېلىپلاشقان قەرز ئېلىش-مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، جايلارنىڭ ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك قەرزىنى خامچوت باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇنىۋېرسال مالىيە دوكلاتى تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، قەرزدارلىق خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئالىمىز ۋە ئۇنى تۈگىتىمىز.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر