باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات(4)

2014.03.14 09:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇلتۇر دۆلىتىمىزدە سىچۇەننىڭ لۇشەن رايونى، گەنسۇنىڭ مىنشەن ۋە جاڭشيەن ناھىيەلىرىدىكى يەر تەۋرەش، خېيلۇڭجياڭ-سۇڭخۇاجياڭ-نېنجياڭ ۋادىسىدىكى كەلكۈن-ھۆلچىلىك، جەنۇبتىكى يۇقىرى تېمپىراتۇرىلىق ھاۋا كىلىماتى ۋە قۇرغاقچىلىق، دېڭىز بويىدىكى قاتتىق تەيفېڭ بورىنى قاتارلىق ئېغىر تەبىئىي ئاپەتلەر يۈز بەردى، ئادەم تارقىلىشچان قۇش زۇكىمىدىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى يۈز بەردى. بىز ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش-ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ دەرىجە بويىچە مەسئۇل بولىدىغان، ئۆزئارا ماسلىشىدىغان جىددىي تاقابىل مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ بىرتۇتاش ياردەم بېرىشى ۋە قوللىشى، جايلارنىڭ يېقىندا تۇرۇپ بىرتۇتاش قوماندانلىق قىلىشى ئارقىسىدا، خەلق ئاممىسىنىڭ ھايات ۋە مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغدىدۇق.

  بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتتۇق. ئالاقىدار مېخانىزمنى ساغلاملاشتۇرۇپ، زور بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدۇق ۋە ئالاقىدار خادىملارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈردۇق، ئېغىر ۋە پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىلەر %16.9 ئازايدى. يېمەكلىك-دورا نازارەتچىلىك-باشقۇرۇش ئاپپاراتىنى قايتا تەشكىل قىلىپ، يېمەكلىك-دورا بىخەتەرلىكىنى مەخسۇس تۈزەش ئىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردۇق، بوۋاقلار-بالىلار سۈت پاراشوكىنىڭ سۈپىتىنى دورا باشقۇرۇش چارىسى بويىچە قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇپ، خەلقنى خاتىرجەم ئىستېمال قىلىش، خاتىرجەم ئىشلىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشقا تىرىشتۇق.

  قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈلۈشنى ئىلگىرى سۈردۇق، گوۋۇيۈەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا 34 قانۇننى تۈزۈش ۋە تۈزىتىشكە سۇندى، ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى، 47 مەمۇرىي نىزامنى تۈزدى، تۈزەتتى. ئەرزىيەت بىلەن مۇرەسسەنىڭ ھەمتۈرتكە خىزمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي زىددىيەتنىڭ ئالدىنى ئالدۇق ۋە ئۇنى پەسەيتتۇق. قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش جىنايى ھەرىكەتلىرىگە قانۇن بويىچە زەربە بەردۇق.

  مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەتراپلىق ئىزچىللاشتۇردۇق، ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، «تۆت خاھىش»قا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، قائىدە ــ تۈزۈملەرنى قاتتىق ئىجرا قىلدۇق. مەركىزىي دۆلەت ئورگانلىرىدا «ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىل» خىراجەت چىقىمى %35 ئازايدى، 31 ئۆلكىنىڭ شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا كۈتۈۋېلىش خىراجىتى %26 ئازايدى. پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قانۇن ــ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان بىر تۈركۈم ئۇنسۇرلارنى جازالىدۇق. ئۆتكەن يىلى دۆلىتىمىزنىڭ دىپلوماتىيە خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلغان بىر يىل بولدى. رەئىس شى جىنپىڭ قاتارلىق يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت رەھبەرلىرى 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ غەيرىي رەسمىي يىغىنى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار ئۇچرىشىش يىغىنى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى، شەرقىي ئاسىيا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ بىر قاتار يىغىنى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك چوڭ ــ چوڭ پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ، بىر قاتار دۆلەتلەرگە زىيارەتكە چىقىپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئەتراپ دىپلوماتىيەسى خىزمىتى يېڭى باسقۇچقا كىردى. ئىقتىسادىي دىپلوماتىيەدە يېڭى ئىلگىرىلەش قولغا كەلدى. دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقە ــ ھەمكارلىقى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى، ئاساسىي چوڭ دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش ئاساسىدا مۇقىم راۋاجلاندى، دۆلىتىمىز چوڭ-چوڭ خەلقئارالىق ۋە رايونلۇق ئىشلاردا، قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىدە مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتكە خاس رولىنى جارى قىلدۇردى. دۆلەتنىڭ تېررىتورىيە ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دېڭىز ــ ئوكيان ھوقۇق-مەنپەئىتى قەتئىي قوغدالدى. دۆلىتىمىزنىڭ سىرتقا تەسىر كۆرسىتىش كۈچى تېخىمۇ ئاشتى.

  ۋەكىللەر!

  ئۆتكەن بىر يىللىق نەتىجىلەر ئوڭاي قولغا كەلگىنى يوق. بۇ — يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى توغرا رەھبەرلىك قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. مەن گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىگە، دېموكراتىك پارتىيە ــ گۇرۇھلارغا، خەلق تەشكىلاتلىرىغا ۋە ھەر ساھە زاتلىرىغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن! شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلارغا، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلارغا، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا ۋە چەت ئەللەردىكى مۇھاجىر قېرىنداشلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن! جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە مەدەت بېرىپ كەلگەن ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىگە، خەلقئارا تەشكىلاتلارغا ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى دوستلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن!

  ئۆتكەن بىر يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدە ئۈنۈم بەرگەن پىكىر ۋە ئۇسۇللارنى بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەمەلىيەتتە قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز، بۇ ھەقتە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىمىز، ئۇنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يەتتۇقكى، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا ھېلىھەم بىرمۇنچە قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەر تۇرۇپتۇ. ئاساسلىقى: ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىق داۋامىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ئاساسى تېخى مۇستەھكەم ئەمەس، ئېشىشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. مالىيە، پۇل مۇئامىلىسى قاتارلىق ساھەلەردە يوشۇرۇن خەۋپ-خەتەر مەۋجۇت، قىسمەن ساھەلەردە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقى ئېغىر، ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەش قىيىنلىشىپ كەتتى. يېزا ئىگىلىكىدە مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىش قىيىنلىشىپ كەتتى. بەزى رايونلاردا ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراق قاتارلىقلارنىڭ بۇلغىنىشى ئېغىر، ئېنېرگىيە تېجەش-بۇلغىما ئازايتىش ۋەزىپىسى مۈشكۈل. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا قۇرۇلمىلىق زىددىيەت بىرقەدەر زور. تۇرالغۇ، يېمەكلىك ــ دورا بىخەتەرلىكى، داۋالىنىش، كۈتۈنۈش، مائارىپ، كىرىم تەقسىماتى، يەر ئېلىش، چېقىش-كۆچۈرۈش، جەمئىيەت ئامانلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە ئامما نارازى بولۇۋاتقان مەسىلىلەر ھېلىھەم بىرقەدەر كۆپ، ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكى جەھەتتە ئېغىر ۋە پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىلەر پات ــ پات يۈز بېرىپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئىجتىمائىي ئىناۋەت سىستېمىسى مۇكەممەل ئەمەس. چىرىكلىك مەسىلىسى ئاسان ۋە كۆپ يۈز بېرىۋاتىدۇ، ھۆكۈمەت خادىملىرى پاك-تىرىشچان بولماسلىق ئەھۋالى ھېلىھەم مەۋجۇت. بۇ مەسىلىلەرنىڭ بەزىلىرى تەرەققىيات جەريانىدا يۈز بەرگەن، بەزىلىرى خىزمەت جايىدا ئىشلەنمىگەنلىكتىن تۇغۇلغان. بۇ مەسىلىلەرنىڭ ساقلىنىش سەۋەبىنى ھۆكۈمەت ئالدى بىلەن ئۆزىدىن ئىزدىشى، ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى ئۆزى تېپىشى كېرەك. خەلقنىڭ ئارزۇسى — بىزنىڭ مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشتىكى تىرىشىش نىشانىمىز. مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچىمىزنى ئەستە چىڭ تۇتۇپ، كۈلپەت ئېڭىمىزنى كۈچەيتىپ، دادىل بولۇپ، قىلچە بوشاڭلىق قىلماي، مەسىلىلەرنى پۇختا، ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشىمىز، خەلقنىڭ زور ئۈمىدىنى ھەرگىز يەردە قويماسلىقىمىز لازىم.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر