باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتىكى 6 جايغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى

2014.03.13 16:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى كاتىبات باشقارمىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ قاراپ چىقىشى ۋە سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنى ئەزالىرى مۇزاكىرە قىلىپ ئوتتۇرغا قويغان پىكىر تەكلىپلەرگە ئاساسەن، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتى قايتا-قايتا مۇزاكىرە قىلىش ۋە ئەستايىدىل تۈزىتىش ئارقىلىق، 16 جايغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە 6 جايغا بىر قەدەر مۇھىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن. بۇ 2014-يىلىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرگە چېتىلىدىكەن.

  بۇ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئالتە جاي مۇنداق: تەرەققىيات ئارقىلىق پۇل مۇئامىلىگە نەپ يەتكۈزۈش، يېڭىچە كەسپىي دېھقانلارنى يېتىشتۈرۈش، پەن تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتى ۋە ئىلىم-پەن روھى قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش، ئىناق دوختۇر بىمار مۇناسىۋىتى ئورنىتىش، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى ئومۇملاشتۇرۇش، رايون، ئېقىن ھالقىغان ئېكولوگىيە تولۇقلىما بېرىش مېخانىزمى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى رايون، ئېقىن ھالقىغان ئېكولوگىيەگە تولۇقلىما بېرىش مېخانىزمى ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئۆزگەرتىش.

  مەنبە: خەلق تورى
  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر