باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى يېپىلدى

2014.03.14 08:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى تولۇق تاماملىغاندىن كېيىن، 13-مارت چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا يېپىلدى.

  يىغىنغا قاتنىشىشقا تىگىشلىك ۋەكىل 2983 بولۇپ، 2910 كىشى قاتناشتى، 73 كىشى قاتناشمىدى. يىغىنغا قاتناشقان ئادەم سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن. يېپىلىش يىغىنىغا يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجاڭ رىياسەتچىلىك قىلدى.

  شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، يۈ جىڭشىڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى ۋە يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

  يىغىندا ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلات توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى. قاراردا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يىغىندا گوۋۇيۈەننىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 2014-يىللىق خىزمەت ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى، نىشان ۋەزىپىلەر ۋە نۇقتىلىق خىزمەتلەر قۇۋەتلىنىپ، دوكلاتنى تەستىقلاش قارار قىلىندى.

  يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، 2013-يىللىق خەلق ئىگىلىكى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2014-يىللىق خەلق ئىگىلىكى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى، 2013-يىللىق خەلق ئىگىلىكى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2014-يىللىق خەلق ئىگىلىكى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەستىقلاش قارار قىلىندى، 2014-يىللىق خەلق ئىگىلىكى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى تەستىقلاندى؛ 2013-يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2014-يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوت توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى، 2013-يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2014-يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەستىقلاش قارار قىلىندى، 2014-يىللىق مەركەز خامچوتى تەستىقلاندى.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى. قاراردا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر يىللىق ئاساسلىق ۋەزىپە قۇۋەتلەندى، بۇ دوكلاتنى تەستىقلاش قارار قىلىندى.

  يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار، ئالى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى، بۇ ئىككى دوكلاتنى تەستىقلاش قارار قىلىندى.

  يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ۋاڭ شياۋ، چېن سىشىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

  يىغىننىڭ تۈرلۈك قارالمىلىرى تاماملىنىپ بولغاندىن كېيىن، جاڭ دىجاڭ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىدا دېموكراتىيە تولۇق جارى قىلدۇرۇلدى، قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىلدى، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەندى، ۋەزىپە ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ئىشەنچ چېڭتىلدى.

  جاڭ دېجاڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يىغىن مەزگىلىدە ۋەكىللەر پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئاساسى قانۇن ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، ئومۇملۇقنى چۆرىدەش، ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش، كەڭ كۇشادە سۆزلىشىش، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى مۇجەسسەملەشنى چۆرىدىگەن ھالدا، يىغىندا تەستىقلانغان دوكلات ۋە ماقۇللانغان قارار- پارتىيەنىڭ تەشەببۇسى ۋە خەلق ئىرادىسىنىڭ بىرلىكىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى.

  جاڭ دېجاڭ مۇنداق دېدى: ۋەكىللەر بىردەك مۇنداق دەپ ھېسابلىدى، 2013-يىلى ناھايىتى ئاددىي بولمىغان بىر يىل بولدى. ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك ئىقتىسادى قۇرۇلۇشى، سىياسىي قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىدا كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ تۇنجى يىلىدا ياخشى باشلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىشى ئاسان ئەمەس. بۇ يولداش شى جىنپىڭ باش سېكرېتارلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەپ، توغرا رەھبەرلىك قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، ھەر دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغانلىقىنىڭ، تىرىشىپ خىزمەت قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۆرەش قىلىپ، قەيسەرلىك بىلەن كۆرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. ۋەكىللەر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى بىر يىلدا بىز ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى مەركەزنىڭ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بۇ قېتىمقى يىغىن روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئىچىدە ئالغا ئىلگىرلەشتەك خىزمەت باش مېلودىيىسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىقتىساد جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرى ۋە ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۇ يىللىق ئىقتىسادى ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ تۈرلۈك نىشان، ۋەزىپىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر