باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

‹‹ئۇيغۇر تىلى ياردەمچىسى›› تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ

2014.03.14 09:05         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ‹‹ئەل رايىنى بىلىش ، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش ، ئەلنى مايىل قىلىش ›› پائالىيىتى بويىچە ئاساسىي قاتلامغا چۈشكەن 200 مىڭ كادىر ئالدى بىلەن تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتۈشى كېرەك . يېقىندا ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر يۇمشاق دېتال شىركىتى ئاندروئىد سىستېمىسىدىكى ئۇيغۇر تىلىنى يانفوندا تەرجىمە قىلىش ۋە ئۆگىنىش دېتالى ـــ ‹‹ئۇيغۇر تىلى ياردەمچىسى ›› نى روياپقا چىقاردى ، بۇنىڭ بىلەن يانفون قوش تىل ئۆگىنىشتىكى ياخشى قورالغا ئايلاندى .

  ئىگىلىنىشىچە ، بۇ يۇمشاق دېتال تۆت بۆلەككە بۆلۈنگەن بولۇپ ، ئۇلار ئادەتتە ئىشلىنىدىغان 500 جۈملە ، نەپەس يولى كېسەللىكلىرى بويىچە ئادەتتە كۆپ ئىشلىنىدىغان سۆزلەر ، بانكا كەسپىگە ئائىت سۆزلەر ۋە چارلاش ۋە سۆھبەتلىشىشكە ئائىت سۆزلەردىن ئىبارەت . بۇنىڭدا پەقەت يانفوننىڭ ئېقىم مىقدارى لازىم بولىدىكەن ، كېيىنكى باسقۇچتا ھەر قايسى ئورۇنلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلىدىكەن .

  نۆۋەتتە ، ئۇيغۇر تىلى ياردەمچىسىنى ‹‹唯奥立信档案›› دېگەن ئۈندىدار جامائەت نومۇرى ئارقىلىق چۈشۈرۈپ ، ھەقسىز تىزىملاتسىلا ئىشلەتكىلى بولىدىكەن . تۆۋەنگە چۈشكەن كۆپ قىسىم كادىرلار ھازىر بۇ دېتالنى ئىشلىتىشكە باشلىغان ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ، شىركەت تەرەپ بۇ دېتالغا ئالاقىدار پىكىر–تەكلىپلەرنى يىغىۋاتقان بولۇپ ، شۇ ئارقىلىق دېتالنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىدىكەن .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر