باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات(20)

2014.03.14 09:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمال ئۇسۇلىنىڭ ئۆزگەرتىلىشىنى ئالغا سىلجىتىمىز. ئېنېرگىيە تېجەش ــ بۇلغىما ئازايتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئېنېرگىيە ئىستېمالىنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەيمىز، بۇ يىل ئېنېرگىيە ئىستېمالىنىڭ سىجىللىقى 3.9% تىن كۆپرەك تۆۋەنلىتىلىدۇ، گۈڭگۈرت )Ⅳ( ئوكسىد چىقىرىش مىقدارىمۇ، خىمىيەۋى ئېھتىياجلىق ئوكسىگېن چىقىرىش مىقدارىمۇ 2% ئازايتىلىدۇ. تاشقاتمىسىز ئېنېرگىيە ئارقىلىق توك چىقىرىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېلېكتىر تورى ۋە تەقسىملىمە ئېنېرگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز، شامال ئېنېرگىيەسى، قۇياش ئېنېرگىيەسى، بىيوماسسا ئېنېرگىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھام بېرىمىز، بىر تۈركۈم سۇ ئېلېكتىر، يادرو ئېلېكتىر تۈرلىرىدە ئىش باشلىنىدۇ. تەبىئىي گاز، كۆمۈر قاتلىمى گازى، سىلانېتس گازىنى چارلاش، ئېچىش ۋە ئىشلىتىشنى كۈچەيتىمىز. بايلىق مەھسۇلاتنىڭ باھا ئىسلاھاتى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئاھالە ئىشلىتىدىغان سۇ، توكنىڭ پەلەمپەيسىمان باھا تۈزۈمىنى ئورنىتىمىز ۋە مۇكەممەللەشتۈرىمىز. بىناكارلىق ئېنېرگىيە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، ئېنېرگىيە تېجەر مەھسۇلات ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇپ، پاكىز ئىشلەپچىقىرىش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تېخنىكا ۋە ئايلانما ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇرىمىز. سۇ تېجەش، ماتېرىيال تېجەش ۋە بايلىقتىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشنى كۈچەيتىمىز. ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش تېخنىكىسى ۋە مەھسۇلاتلىرىنى يارىتىپ ـ ئىشلىتىشنى تېزلىتىپ، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش كەسپىنى جۇشقۇن گۈللەنمە كەسىپكە ئايلاندۇرىمىز. ئېكولوگىيە مۇھاپىزىتى ۋە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىمىز. تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش، تېرىلغۇدىن ئوتلاققا قايتۇرۇشنى داۋاملىق يولغا قويىمىز، بۇ يىل بۇنىڭغا 5 مىليون مو يەر ئورۇنلاشتۇرىمىز. يايلىتىشنى توختىتىپ ئوت ـ چۆپ ئۆستۈرۈش، تەبىئىي ئورماننى قوغداش، قۇملىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قۇمنى تىزگىنلەش، سۇ ـ تۇپراقنى ساقلاش، تاشلىشىشنى تىزگىنلەش، سۇلۇق يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق زور ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىمىز. ئۈچ دەريا مەنبەسى رايونلىرىنىڭ ئېكولوگىيە مۇھاپىزىتىنى كۈچەيتىمىز. ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رايون، ۋادى ھالقىغان ئېكولوگىيە تولۇقلىما مېخانىزمىنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا تۈرتكە بولىمىز. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ھازىر ئۈچۈنلا ئەمەس، يىراق كەلگۈسى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرمۇ، پۈتكۈل جەمئىيەتمۇ يەنىمۇ پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، ياشايدىغان يۇرت ــ ماكانىمىزنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر