- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
دۆلەت يولى 312-لىنىيەسىنىڭ سانجى تەۋەلىكىدىن ئۆتىدىغان تاشيولىدا 1-ئاپرىلدىن باشلاپ قۇرۇلۇش قىلىنىدۇ
2014.03.14 08:50 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يېقىندا ، مۇخبىرنىڭ سانجى شەھەرلىك قاتناش تىرانسپورت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە ، دۆلەت يولى 312-لىنىيەسىنىڭ سانجى تەۋەلىكىدىن ئۆتىدىغان تاشيول قۇرۇلۇش تۈرى خېرىدار چاقىرىش باسقۇچىدا بولۇپ ، 1-ئاپرېلدىن باشلاپ رەسمىي قۇرۇلۇش باشلىنىدىكەن ، 2015-يىلى 30-سېنتەبىر قۇرۇلۇش تاماملىنىدىكەن . بۇ تاشيول قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن سانجى شەھىرىدىن سىرتقا تۇتىشىدىغان ئايلانما لىنىيە ھاسىل بولۇپ ، ئاز دېگەندىمۇ سانجى شەھەر رايونىدىن ئۆتىدىغان %30 ئاپتوموبىل ئېقىمىنى بۆلۈپ ، شەھەر رايونىدىكى قاتناش بېسىمىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتكىلى بولىدىكەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر