باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات(15)

2014.03.14 09:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  )7( مائارىپ، سەھىيە، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىش.

  ئىجتىمائىي ئىشلارنى گۈللەندۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش — ئىجتىمائىي ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ بەختسائادىتىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى. ئىجتىمائىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ تەڭكەش راۋاجلىنىشىغا تېخىمۇ كۆپ سېلىنما ۋە تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك. مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ئاۋۋال، ئادىل راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. مائارىپ بايلىقىنىڭ ئوتتۇرا ــ غەربىي رايونلارغا ۋە يېزىلارغا مايىل بولۇشىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. نامرات رايونلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلايمىز. نامرات رايون يېزىلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلاردىن نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە كىرگەنلەرنىڭ سانىنى يەنە 10% تىن ئارتۇق ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقان پەرزەنتلىرىنى يۇقىرى مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىمىز. يېزىلاردىكى، بولۇپمۇ چەت، يىراق نامرات رايونلاردىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، نامرات رايون يېزىلىرىدىكى بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇق ئەھۋالىنى ياخشىلايمىز. ئوقۇش يېشىدىن ئىلگىرىكى مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز. ئالاھىدە مائارىپنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈش پىلانىنى يولغا قويىمىز. مەركەز مالىيەسىنىڭ مائارىپ سېلىنمىسىنى داۋاملىق كۆپەيتىپ، ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز ھەمدە نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىمىز، مائارىپنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمىنى ئاكتىپلىق ۋە سالماقلىق بىلەن ئىسلاھ قىلىپ، ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مائارىپنى بىرتۇتاش پىلانلاش ھوقۇقى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا مەكتەپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى كېڭەيتىپ، پۇقرا باشقۇرۇشىدىكى مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىلھام بېرىمىز. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يېتەكچى قىلغان زامانىۋى كەسپىي مائارىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىمىز. بىز كېيىنكى ئەۋلادلار ئۈچۈن ياخشى تەربىيەلىنىش شارائىتى ھازىرلاپ، ھەربىر بالىنى ئادىل يېتىلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىشقا تىرىشىشىمىز لازىم. داۋالاش ئىسلاھاتىنىڭ چوڭقۇرلىشىپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ئومۇمىي خەلق ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى مۇستەھكەملەپ، ئىسلاھات ئارقىلىق شەھەر ــ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى بىرلەشتۈرىمىز. ھۆكۈمەت، ئورۇن ۋە شەخسلەر مۇۋاپىق دەرىجىدە تەڭ ئۈستىگە ئالىدىغان ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مەبلىغىنى غەملەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر ــ يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا مالىيەدىن ياردەم بېرىش ئۆلچىمىنى كىشى بېشىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 320 يۈەنگە ئۆستۈرىمىز. مەملىكەت بويىچە شەھەر ــ يېزا ئاھالىسىنىڭ ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىنى يولغا قويىمىز. شەھەر ــ يېزىلارنىڭ داۋالىنىش ياردىمى، كېسەللەرنى جىددىي قۇتقۇزۇش ياردىمىنى كۈچەيتىمىز. ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات سىنىقى 1000 ناھىيەگە كېڭەيتىلىپ، يېزىلاردىكى 500 مىليون ئاھالە قاپلىنىدۇ.

  شەھەرلەردىكى ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات سىنىقى كېڭەيتىلىدۇ. دوختۇرخانىنى دورا ئارقىلىق قامداشنى بىكار قىلىپ، داۋالاش بىلەن دورا باھاسىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي كاپىتال بىلەن دوختۇرخانا قۇرۇش مېخانىزمىنى يېڭىلايمىز. ئاساسىي دورا تۈزۈمى ۋە ئاساسىي قاتلام داۋالاش، ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى ھەرىكىتىنىڭ يېڭى مېخانىزمىنى مۇستەھكەملەيمىز ۋە مۇكەممەللەشتۈرىمىز، دەرىجىگە ئايرىپ دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ۋراچلارنىڭ كۆپ جايدا كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىنى يېقىن ئەتراپتا سۈپەتلىك داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىمىز. دوختۇرلار بىلەن بىمارلارنىڭ ئىناق مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىمىز. ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەل، سوزۇلما كېسەل ۋە كەسپىي كېسەل، يەرلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىمىز، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ئاساسىي جامائەت ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى خىراجىتىگە ياردەم بېرىش ئۆلچىمىنى كۆپەيتىپ 35 يۈەنگە يەتكۈزىمىز. جۇڭگو تېبابەتچىلىكى ــ دورىگەرلىكى ۋە مىللىي تىېبابەتچىلىك ــ دورىگەرلىك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىمىز. پىلانلىق تۇغۇتتىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، بىر تەرەپ يالغۇز پەرزەنت بولغان ئەر ــ خوتۇننىڭ 2- پەرزەنت كۆرۈشىگە رۇخسەت قىلىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. بىز خەلقنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقى ۋە ئائىلە بەختى ئۈچۈن، داۋالاش ئىسلاھاتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، بۇ دۇنياۋى قىيىن مەسىلىنى جۇڭگوچە چارە بىلەن ياخشى ھەل قىلىشىمىز كېرەك.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر