باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جاڭ دېجياڭ يىغىننى خەۋەر قىلغان ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇللىرىنى يوقلىدى

2014.03.14 08:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ 12-مارت چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىنىڭ ئاخبارات خىزمىتىگە قاتناشقان مەركەزدىكى ئاساسلىق تاراتقۇلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە خىزمەتچىلىرىنى يوقلىدى، ھەيئەت رىياسىتىگە ۋاكالىتەن يىغىنغا قاتناشقان ئاخبارات خادىملىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يىللىق يىغىن خەۋەرلىرىنىڭ تېمىسى روشەن، شەكلى يېڭى، تەسىرى كەڭ بولدى، يولداش شى جىنپىڭ باش سېكرېتارلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى يېتەكلەپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۈز يىللىق ئىككى كۈرەش نىشانىنى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشتەك ئورتاق ئىرادىسى ۋە ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىنى گەۋدىلىك ئەكس ئەتتۈردى، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ ئۈستۈنلىكى ۋە ھاياتى كۈچىنى نامايان قىلىپ، يىغىننىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى كۈچلۈك جامائەت پىكىرى بىلەن تەمىن ئەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر