باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات(19)

2014.03.14 09:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   )9( ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىگە ئىگە گۈزەل يۇرت ــ ماكاننى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا، مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە تاقىلىدۇ. تۇمان ــ تۈتەكلىك ھاۋارايى دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشى، مۇھىت بۇلغىنىش زىددىيىتىنىڭ گەۋدىلىنىشى — تەبىئەتنىڭ يىرىك تەرەققىيات ئۇسۇلىغا ياندۇرغان قىزىل چىرىغى. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مۇھاپىزىتىنى كۈچەيتىپ، بۇ چىڭ ۋەزىپىنى قاتتىق تەدبىرلەر بىلەن قەتئىي ئورۇنلاش شەرت. كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىمىز. تۇمان ــ تۈتەك كۆپ پەيدا بولىدىغان ئالاھىدە چوڭ شەھەرلەر ۋە رايونلار مۇھىم نۇقتا، ئۇششاق دانچە ماددىلار )PM2.5(، سۈمۈرۈلۈشچان دانچە ماددىلار )PM10( نى تىزگىنلەشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئېنېرگىيە ئۈنۈمى، قالدۇق گاز چىقىرىش، چاڭ ــ توزان كۆتۈرۈلۈش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، ھۆكۈمەت، كارخانا، جامائەت ئورتاق قاتنىشىدىغان يېڭى مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رايون بىرلەشمە مۇداپىئەلىنىش، بىرلەشمە تىزگىنلەش يولىنى تۇتۇپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ھەرىكەت پىلانىنى چوڭقۇر يولغا قويىمىز. بۇ يىل كۆمۈر يېقىلغۇلۇق 50 مىڭ كىچىك پار قازاننى شاللاپ چىقىرىمىز، كۆمۈر يېقىلغۇلۇق 15 مىليون كىلوۋاتلىق ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ گۈڭگۈرتسىزلەشتۈرۈش يولى بىلەن، 130 مىليون كىلوۋاتلىق ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ نىتراتسىزلاشتۇرۇش يولى بىلەن، 180 مىليون كىلوۋاتلىق ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ چاڭ ــ توزاننى يوقىتىش يولى بىلەن ئۆزگەرتىلىشىنى ئالغا سىلجىتىمىز، سېرىق بەلگىلىك ئاپتوموبىل ۋە كونا ئاپتوموبىلدىن 6 مىليوننى شاللاپ چىقىرىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى ئومۇملاشتۇرىمىز. پۈتۈن مەملىكەتنى 4 ئۆلچەملىك ئاپتوموبىل دېزىل مېيى بىلەن تەمىنلەيمىز. پاكىز سۇ ھەرىكىتى پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئىچىملىك سۇ مەنبەسىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ۋادى بۇلغىنىشىنىڭ تىزگىنلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. تۇپراقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىمىز. يېزا ئىگىلىكىنىڭ دائىرىلىك مەنبە بۇلغىنىشىنى تىزگىنلەپ، گۈزەل يېزا ــ كەنت قۇرىمىز. بىز نامراتلىققا قارشى جەڭ ئېلان قىلغانغا ئوخشاش بۇلغىنىشقا قارشى قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىشىمىز لازىم.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر