باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات(3)

2014.03.14 09:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئومۇمىي مىقدار سىياسىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ساقلانما مىقدارنى پائال جانلاندۇرۇپ، كۆپەيمە مىقدارنى ئوبدان ئىشلەتتۇق. مالىيە چىقىمىنى ياخشىلاپ، مەخسۇس يۆتكىمە چىقىمنى بىرىكتۈردۇق ۋە ئازايتتۇق. مەركىزىي پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئادەتتىكى چىقىمىنى 5% ئازايتتۇق، جايلارمۇ ئادەتتىكى چىقىمنى ئازايتىپ، تېجەپ قېلىنغان مەبلەغنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىشلەتتى. كىچىك، مىكرو كارخانىلار ئۈچۈن باجدا ئېتىبار بېرىش يولى تۇتۇلدى، بۇنىڭدىن 6 مىليوندىن ئارتۇق كارخانا مەنپەئەتلەندى. ئىقتىسادىي تەپتىشلىك ئارقىلىق مەملىكەت بويىچە ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك قەرزدارلىقنىڭ ئاساس سانىنى ئېنىقلىدۇق. پۇل مۇئامىلىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە ئوبوروت خاراكتېرلىك باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلىسىنىڭ پۇختا ھەرىكىتىنى ساقلىدۇق.

  ئۈچىنچى، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈردۇق. تەرەققىياتقا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان قۇرۇلما خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، دەل جايىدا كۈچەپ، بازار ۋاسىتىسى ۋە پەرقلىق سىياسەتنى ئىشقا سېلىپ، قۇرۇلمىنى ياخشىلاش داۋامىدا ئېشىشنى تۇراقلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشنى تۈرتكە قىلىش داۋامىدا تىپنىڭ ئۆزگەرتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، دەرىجىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىيات ئۈچۈن ئاساس سېلىشقا ئەھمىيەت بەردۇق. يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇلىنى مۇستەھكەملىدۇق ۋە كۈچەيتتۇق. زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال يانداش ئىسلاھات سىنىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشقا مەدەت بەردۇق. 15 مىڭ كىچىك سۇ ئامبىرىنى پۇختىلاپ خەتەردىن خالىي قىلىش ئىشىنى ئەتراپلىق ئورۇنلاپ، يېزىلاردىكى 63 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى يېڭىدىن ھەل قىلدۇق. ئېكولوگىيە مۇھاپىزىتى ۋە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەملىكەت بويىچە ئورماننىڭ قاپلاش نىسبىتىنى %21.6 كە يەتكۈزدۇق. كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ تەڭشىلىشىنى تېزلەتتۇق. مۇلازىمەتچىلىكنىڭ راۋاجىنىشىغا ئىلھام بەردۇق. ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بەردۇق، 4-ئەۋلاد كۆچمە خەۋەرلىشىش تىجارەتتە رەسمىي ئىشلىتىلدى. قىسمەن ساھەلەردە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقى بەك ئېغىر بولۇش زىددىيىتىنى پائال ھەل قىلدۇق. ئېنېرگىيە تېجەش ــ بۇلغىما ئازايتىش ۋە بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى تىزگىنلەشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتىنىڭ سىجىللىقىنى %3.7 تۆۋەنلەتتۇق، گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىد، خىمىيەۋى ئېھتىياجلىق ئوكسىگىن چىقىرىش مىقدارىنى ئايرىم ــ ئايرىم ھالدا %3.5، %2.9 تۆۋەنلەتتۇق.

  ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتۇق. جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا يۆتكەشنىڭ شەرقىي لىنىيەدىكى 1-قارارلىق قۇرۇلۇشىدا مۇددەتتىن بۇرۇن سۇ باشلىدۇق، ئوتتۇرا لىنىيەدىكى 1-قارارلىق ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشىنى ئۆز قەرەلىدە پۈتتۈردۇق. شەھەرلەرنىڭ يەر ئاستى تۇرۇبا تورى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتتۇق. نېفىت-تەبىئىي گاز ۋە توك يەتكۈزۈش-تەقسىملەش تورىنى كېڭەيتتۇق. تاشقاتمىسىز ئېنېرگىيە ئارقىلىق توك چىقىرىش مىقدارىنىڭ سالمىقىنى 22.3% كە يەتكۈزدۇق. پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى، سۇ تىرانسپورتى، ئۇچۇرچىلىق، پوچتا تورى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتۇق، تۆمۈريول تىجارەت تىرانسپورتىنىڭ مۇساپىسىمۇ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تىجارەت تىرانسپورتىنىڭ مۇساپىسىمۇ 100 مىڭ كىلومېتىردىن ئېشىپ كەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تىجارەت تىرانسپورتىنىڭ مۇساپىسى 11 مىڭ كىلومېتىرغا يېتىپ، دۇنيا بويىچە 1-ئورۇنغا ئۆتتى.

  تەرەققىياتقا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشنى ئالغا سىلجىتتۇق. پۈتۈن جەمئىيەت بويىچە تەتقىق قىلىپ يارىتىش چىقىمىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن سالمىقى %2 تىن ئېشىپ كەتتى. پەن ــ تېخنىكا تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىلىم، تېخنىكا يېڭىلاشقا ئوخشاش قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويدۇق. سۇپېرلىق ھېسابلاش، ئاقىل ماشىنا ئادەم، پەۋقۇلئاددە شالغۇت شال قاتارلىق بىر تۈركۈم ئاچقۇچلۇق تېخنىكىدا زور بۆسۈش ھاسىل قىلدۇق.

  تۆتىنچى، خەلق تۇرمۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلىپ ۋە ياخشىلاپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈردۇق. مالىيە كىرىم-چىقىمىدا زىددىيەت زورراق بولغان ئەھۋالدا، بارلىق كۈچىمىزنى ئىشقا سېلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى باشتىن-ئاخىر خىزمەتنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاخىرقى چېكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولدۇق.

  ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدۇق. ئىستۇدېنتلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇپ، شۇ قاراردا ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئىستۇدېنتلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق. يېزىلارنىڭ يۆتكەلمە ئەمگەك كۈچلىرىگە قارىتىلغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ۋە كەسپىي تەربىيەنى كۈچەيتىپ، شەھەر-بازارلاردىكى ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىينىلىپ قالغانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بەردۇق. كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %13.1 ۋە %17.7 ئۆستۈردۇق، كارخانىدىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى سەۋىيەسىنى %10 ئۆستۈردۇق. يېڭىدىن ئىش باشلانغان 6 مىليون 660 مىڭ يۈرۈش كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىدا 5 مىليون 440 مىڭ يۈرۈش ئۆي ئاساسەن پۈتتى. تۇرالغۇ قىيىنچىلىقى بولغان 10 مىليوندىن ئارتۇق ئامما يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى.

  مائارىپ تەرەققىياتى ۋە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈردۇق. مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قۇرۇلۇشىنى باشلاپ، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى ئاجىز مەكتەپلەرنى ئۆزگەرتىش پىلانىنى يولغا قويدۇق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلىنىشىنى ياخشىلاش پىلانىدىن 32 مىليوندىن ئارتۇق بالا مەنپەئەتلەندى، قىيىنچىلىقى ئېغىر تۇتاش رايونلاردىكى يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىغا تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىلدى، نامرات رايونلاردىكى يېزا ئوقۇغۇچىلىرىدىن نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە كىرگەنلـەرنىـڭ سانـى ئالدىنقى يىلدىكىدىن %8.5 ئاشتى.

  تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك-ساقلىق ساقلاش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق. ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ تولۇق قاپلىشى ئومۇمىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشتى، شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئۈچۈن كىشى بېشىغا بېرىلىدىغان مالىيە ياردەم پۇلى 280 يۈەنگە يەتكۈزۈلدى. ئاساسىي دورا تۈزۈمى كەنت شىپاخانىلىرىنىڭ %80 تىن ئارتۇقىنى قاپلىدى. 28 ئۆلكىدە ئېغىر كېسەل داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سىنىقى ئېلىپ بېرىلدى. كېسەللەرنى جىددىي قۇتقۇزۇش سىنىقى باشلاندى. دۆلەتنىڭ ئاساسىي جامائەت ساغلاملىقى مۇلازىمەت تۈرى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى، يېزىلاردا ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن ھەقسىز تەكشۈرۈشتىن 6 مىليون ئائىلىگە نەپ يەتتى.

  مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردۇق. بىر تۈركۈم سەرخىل مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنى بارلىققا كەلتۈردۇق، جامائەت پاراۋانلىقـى ئەسلىھەسىنـى جەمئىيەتكە ھەقسىـز ئېچىۋېتىش دائىرىسىنـى كېڭەيتتـۇق. مەدەنىيەت تۈزۈلمىسـى ئىسلاھاتىنـى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت بازىـرى قۇرۇلۇشىنـى كۈچەيتتـۇق، مەدەنىـيەت كەسپىنىـڭ قوشۇلمـا قىممىتى %15 تىن كۆپرەك ئاشتى. ئومۇمىـي خەلق ساغلاملىـق مۇلازىمـەت سىستېمىسىنـى مۇكەممەللەشـتۈردۇق، 12-نۆۋەتلىـك مەملىكەتلىـك تەنھەرىكـەت مۇسابىقىسىنـى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالـدا تېجەشلىـك ئۆتكـۈزدۇق.

  بەشىنچى، جەمئىيەتنى تۈزەش ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى-مۇقىملىقىنى ساقلىدۇق. تەبىئىي ئاپەت قاتارلىق ھەر خىل تاسادىپىي ۋەقە ئالدىدا، تەرتىپلىك-كۈچلۈك بولۇپ، ئادەمنى ئاساس قىلىشتا، قانۇن، قائىدە-نىزام بويىچە ئىش كۆرۈشتە ۋە ئىلمىي تاقابىل تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەم ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىش، ھەم يېڭى مېخانىزم بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش يولىنى تۇتۇپ، جەمئىيەتنى تۈزەش سەۋىيەمىزنى ئۆستۈردۇق.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر